مەسچىت ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى يۇرچى يېزىسى ئۈستۈنكى قۇمېرىق كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسچىت قانۇنسىز ھالدا سېلىنغانلىقى ھەمدە بۇ يىل ئاۋغۇستتا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغان لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى مەسچىت تېمىغا چاپلاشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر مەسچىتنى چېقىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
رادىئومىز يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈستۈنكى قۇمېرىق كەنتى تەۋەسىدىكى بۇ مەسچىت تاغلىق مەھەللىگە جايلاشقان بولۇپ، مەسچىتتە كۆپىنچە كەنت تەۋەسىدىكى ئاساسلىق مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى رەت قىلغان ياشلار توپلىشىپ ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ، مانا بۇ مەزكۇر مەسچىتىنىڭ چېقىلىشىدىكى بىر سەۋەب ئىكەن.
قۇمېرىق كەنتى كادىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەسچىت قانۇنسىز سېلىنغان بولۇپ، بۇمۇ مەزكۇر مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەسچىتىنىڭ زادى نېمە سەۋەبلەردىن چېقىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.