سەمىمە خانىم: «خىتاي يولدىشىمنى تۈركىيەگە باردى، بالىلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتتى دەپ قامىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-03-02
Share
سەمىمە خانىم: «خىتاي يولدىشىمنى تۈركىيەگە باردى، بالىلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتتى دەپ قامىدى» ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 70 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» «مىللەت نۆۋىتى» نامدىكى نارازىلىق نامايىشى قار ۋە يامغۇر ياغسىمۇ توختىماي داۋام قىلماقتا. 2021-يىلى 2-مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خىتاي تۈرمىسى ۋە لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 70 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» «مىللەت نۆۋىتى» نامدىكى نارازىلىق نامايىشى قار ۋە يامغۇر ياغسىمۇ توختىماي داۋام قىلماقتا.

بۇ نامايىش ھېچبىر تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولماستىن خەلق ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ھېچبىر تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان خەلق ئاممىسى بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە ھەر كۈنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن، يەنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ھاۋا تۇتۇق، يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانا ئالدىغا جەم بولدى. نامايىش جەريانىدا يامغۇر ئارىلاش تۇل ياغقان بولسىمۇ نامايىشچىلار ئورنىنى تاشلاپ كەتمەي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ نامايىشنى داۋام قىلدى. ئىلگىرىكى كۈنى ياۋروپا خەۋەرلىرى Euronews ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى كېلىپ نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ كەتكەنىدى. بۈگۈن بىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى بۆلۈش سۈپىتىمىز بىلەن نامايىشچىلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر قانچە كىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە ۋە ياكى لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نامايىشچىلار قەھرىتان قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدا، بەزى ۋاقىتلاردا قار ئاستىدا، بەزىدە يامغۇر ئاستىدا قالدى، ئەمما ھېچبىر كىشى شۇ نامايىش مەيداندىن ئايرىلماي تىك تۇردى. ئۇلار «زالىم خىتاي ئائىلەم قەيەردە! ؟» دېگەندەك شوئارلارنى ياڭرىتىپ ئەتراپنى زىلزىلىگە سالدى. چوڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ماشىنىسىنىڭ سىگنالىنى چېلىپ ۋە ياكى قول ئىشارىتى قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ بولدى. نامايىشچىلار ئارىسىدا 60-70 ياش ئەتراپىدا ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلار، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بار ئىدى.

نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان سەمىمە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يولدىشىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان تۈرمە ۋە لاگېرغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى روزى ئابدۇغېنى بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن، ئۇ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە تىجارەتچى ئىكەن، ئۇ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2015-يىلى ئايالى سەمىمە ۋە 6 پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان. 2016-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە بارغان، كېرىيەدىكى يەرلىك ساقچىلار ئۇنى چاقىرتىپ باللىرىنىڭ تۈركىيەدە مەكتەپكە ئۆتكەن رەسمىيەت خېتىنى ئەكېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. روزا ئابدۇغېنى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كېرىيەگە بارغاندا ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ قاماپ قويغان. سەمىمە خانىم بىر ئايدىن كېيىن يولدىشىنىڭ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، يولدىشىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە بارغانلىقى ۋە باللىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەمىمە خانىم، يولدىشىنىڭ 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ يولدىشىنى تۈرمىدىن چىقىرىپ خوتەندىكى بىر لاگېرغا قاماپ قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى 2019-يىلى 4-ئايدا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلغان بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ لاگېردا ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، ئۆتتە تاش بار ئىكەن دەپ دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقىنى، كېيىن 3 ئاي ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما يەنە كېرىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈرۈمچىدىن تۇتۇپ خوتەنگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. سەمىمە خانىم 2019-يىلى 9-ئايدىن بۇيان يولدىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ قانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمىمە خانىم يولدىشىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىز ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، بىزنىڭ ئالتە پەرزەنتىمىز تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئوقۇۋاتىدۇ، خىتاي ساقچىلىرى بىزنى تۈركىيەگە كەتتى ۋە باللىرىمىزنى تۈركىيەدە ئوقۇدى دەپ يولدىشىمنى تۈرمىگە قامىدى»، دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت