خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.03.27
qeshqer-cheqish-kiran.jpg «ئەلالاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن چىقىلىۋاتقان قەشقەر شەھىرى ۋە مەسچىتلەر.
Social Media

خەلقئارا مەتبۇئاتلار رامازانلىق پروگرامملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

رامازان كىرگەندىن بۇيان، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ رامازاندىكى ۋەزىيىتىگە قىزىققان. ھىندىستاندا خەۋەرلەر تارقىتىدىغان «ئوپىندىئا» ناملىق تور بەتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامازان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدۇ، نازارەت سىستېمىسىنى يولغا قويىدۇ» ناملىق خەۋەردە، ھىندونىزىيەنىڭ «لىپۇتان 6» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» ناملىق خەۋەردە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رامازانلىق پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان.

خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى رامازان مەزگىلىدىمۇ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن. مەكتەپلەر «پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى نازارەت قىلىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان جەدۋەللەرنى تولدۇرۇشقا بۇيرىغان. مەھەللە ئامانلىق كۈچلىرى ئۆيلەرنى نازارەت قىلىپ، زوھۇرلۇق مەزگىلىدە چىراق يېقىلغان ئۆيلەرنى تىزىمغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان.

«خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدۇ، نازارەت سىستېمىسىنى يولغا قويىدۇ» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «خىتاي يەنە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› سىياسىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جامائىتىنى نىشانغا ئالىدۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاھالىسىنى ھاراق ئىچىش ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاپ، مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەگىشىشكە قىستايدۇ.»

خەۋەردە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامازان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى 1811 كەنتتە 24 سائەتلىك نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن، يەنى 27-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلشات رېشىت بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامازاندىكى ۋەزىيىتىگە قىزىققانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار سوراپ، كۆپلەپ خەۋەرلەر تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» ناملىق خەۋەردە ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ «خىتاي ھاكىمىيىتى مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلمايدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە يول قويمايدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا ۋە گۈزەل ئەنئەنىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى چەكلىمەكتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق بۇ مىللەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن ئىبارىلىرىگە ئورۇن بەرگەنىدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامازان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپلا قالماي، پىۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى پىۋا ئىچىشكە زورلاش، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش ۋە كىشىلەرنى توپلاپ، ئىسلامدا ھارام ھېسابلانغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشقا قىستاشتەك زوراۋانلىقلارنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئېغىر دىنىي دەپسەندىچىلىك يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ھەرخىل يالغان سەھنىلەرنى ھازىرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇرلارنى باياشات، خاتىرجەم، ئەركىن ياشاۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.