رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا كورلادا دائىرىلەرنىڭ لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېرىدىكىلەر ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ تۈرمىلەرگە يوللاۋاتقانلىقى، ئەمما مەھكۇملار سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە سىغمايۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كورلادىكى بىر كوچا باشقارمىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن 25 كىشىنىڭ 3 يىللىقتىن كېسىلىپ، جازاسىنى 5 يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي قانۇنىدا ئادەتتە جازا مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ پەقەت ئۆلۈم جازالىرى ئۈچۈنلا چىقىرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كورلادىكى بۇ جازانىڭ تۈرمىلەردە بوش ئورۇن قالمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر كورلادا لاگېرلارنى ئىخچاملاش ئۈچۈن لاگېردىكى زور بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىپ تۈرمىلەرگە يوللىغان. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن، توپ-توپ ھالەتتە يوللانغان بۇ مەھكۇملارغا تۈرمىلەردىمۇ ئورۇن قالمىغان. نەتىجىدە جازاسى نىسبەتەن يېنىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەر جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆز ئائىلىسىدە يېتىپ-قوپۇشتىن باشقا ئەركىنلىكى بولمىغان بۇ كىشىلەر، ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئىش تېپىش، يەنى تىرىكچىلىك قىلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
بىز بۇ ئىنكاس توغرىلىق كورلادىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. كورلادىكى بىر كوچا باشقارمىسىنىڭ ساقچى خادىمى بۇ باشقارمىدىن25 كىشىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە قەرەللىك ھالدا مەزكۇر ساقچى پونكىتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، بۇ 25 كىشى لاگېردىكى مەزگىلىدە 3 يىللىق كېسىلىپ جازاسىنى 5 يىل كېيىن ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما مەزكۇر خادىم بۇ باشقارمىدىن قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، قانچىلىكىنىڭ تۈرمىگە يوللانغانلىقى ۋە قانچىلىكىنىڭ لاگېردا قەپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى.
رادىيومىزغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا كورلادا يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېرلار سانىنىڭ تۆتتىن بىرگە چۈشكەنلىكى، ئەمما تۈرمىنىڭ بىردىن تۆتكە كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى كورلادا نۆۋەتتە لاگېردىن بىرى بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇ تۈرمىدىن قانچىسى بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن لاگېر ۋە تۈرمىلەر ھەققىدە بۇنداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز مەزكۇر ساقچى خادىمىدىن تەۋەلىكىدىكى 25 مەھكۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن جازاسىنى تۈرمىدە ئىجرا قىلماستىن، بەلكى سىرتتا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ بۇ مەھكۇملارنىڭ تۈرمىگە سىغمىغانلىقى ئۈچۈن جازاسىنى سىرتتا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئىشى ئادەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن. بۇ جازانىڭ قىسقا مۇددەتلىك كېسىلگەنلەر ئۈچۈنمۇ بېرىلىشى بىر غەلىتە ئەھۋال بولۇپ، بۇ بەلكىم نۆۋەتتە لاگېر تۇتقۇنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۈرمە يېتىشمەسلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەختىيار ئەپەندى يەنە لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنى لاگېر سىرتىدىمۇ قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر جازا تۈرىنى يولغا قويغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىمۇ بۇ تېمىدا بەختىيار ئەپەندى بىلەن ئوخشاش قاراشنى ئىلگىرى سۈردى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورلا شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپىسى 550مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ 30پىرسەنتكە يېقىنراقىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. يېزا-بازار، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 5 كوچا باشقارمىسىدىن تەشكىل تاپقان كورلادىكى ھەر بىر كوچا باشقارمىسىدا 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. مانا بۇ مىللەتلەر نىسبىتىنى كۆزدە تۇتقان يۇقىرىقى ئىككى كۆزەتكۈچى مەزكۇر 25 مەھكۇم نوپۇسلۇق بولغان كورلا يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10-15 مىڭچە ئىكەنلىكى ۋە بۇلاردىن 2-3 مىڭچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.
0:00 / 0:00