پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.04.18
dunya-uyghur-qurultiyi-20-erkin-aliptekin دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېۋىزىيەسى

16-ئاپرېل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىغا دەل 20 يىل تولغان كۈن.

بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەھبەرلىرى سىن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىك يوللاپ،  د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلاپ ناھايىتى كۆپ ساندا يازما ۋە سىن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىكلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللىشىغا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى؛ شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مەرىكىسىنى زور تەييارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «14-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەركەز ئىشخانىسىدا يىغىن چاقىرىپ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى. شۇندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز، تەشكىلات رەھبەرلىرىمىز، سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە ئاۋام خەلقىمىز بەس-بەستە قۇرۇلتاينىڭ مەركەز ئىشخانىسىغا يازما ۋە سىن كۆرۈنۈشلۈك تۈرلۈك تەبرىكلەرنى يوللاشقا باشلىدى. ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق سىن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىك تاپشۇرۇپ ئالدۇق.»     

پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى ۋە شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى، ئامېرىكادىكى پېشقەدەم پائالىيەتچىلەردىن غولامىدىن پاختا، د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچى رەئىسى بولغان ئەركىن ئالپتېكىن، قۇرۇلتاينىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك ۋىدىيوسى 16-ئاپرېل كۈنى تارقىتىلغان. ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى تەبرىكىدە مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن! قۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن. قۇرۇلتاينىڭ بۇندىن كېيىنمۇ خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئىزدەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەبرىكىدە مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق سەپداشلىرىم، بارلىق قېرىنداشلىرىم ۋە ۋەتەنداشلىرىم! ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان، ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دېگەن بىر خەلقنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈن-تىنسىز قېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان تەشكىلاتىمىز - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!»

ئاۋسترالىيەدىكى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل توشتى. بۇ 20 يىللىق مۇساپە جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، خەلقىمىز ئىچىدە قوللاشقا ئىگە بولغان بولسا؛ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشقا يۈزلەندى ھەم شۇنىڭغا مۇيەسسەر بولدى.  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن!»

ئامېرىكادىكى پېشقەدەم ئىنقىلابچى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى تەبرىك ۋىدىيوسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل تولدى. مانا شۇ 20 يىل جەريانىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداق بىر مىللەت بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇتۇقلىرىڭلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن!»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەزىز قېرىنداشلار، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە يولباشچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق تەۋەللۇتىنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»

پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 تەك شەخس ۋە جامائەت ۋەكىلى د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ۋىدىيو يوللىغان. ئوخشىمايدىغان كۆز قاراش، ئوخشىمايدىغان كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى ئوخشىمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن كەلگەن تەبرىكلەرنىڭ ھەممىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ۋە يۇقىرى باھا بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ سىن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىكلەر «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقىغا تەبرىك ۋە تىلەكلەر» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن ھەر كۈنى تارقىتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.