«ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىسسەسى» ناملىق يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «مەتبۇئاتچىلىق غەمگۇزارى» ناملىق 1-قىسمى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاساسىنى تىكلەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا بېغىشلانغان ئوتتەك مۇھەببىتى ۋە قىزغىنلىقى، بۇ يولدا ئېلىپ بارغان مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش جەريانلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھۆججەتلىك ھەم جانلىق شەكىلدە يورۇتىلىدۇ.