ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىسسەسى، 4-قىسىم: پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن مەشىق قىلىش

2023.12.27

بۇ بۆلۈمدە قەيسەر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى خالىد ئاتاماننىڭ مۇشەققەتلىك كۈرەش مۇساپىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىنىدۇ. قەشقەردە تۇغۇلغان خالىد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ۋە تەنتەربىيە چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، مۇشەققەتلىك سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە  قاتنىشىدىغان ياش ئۇيغۇر ماھىرلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە «ئاتامان تەنتەربىيە كۇلۇبى» نى قۇرىدۇ.

بۇ فىلىمدا خالىد ئاتامان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ھېكايىسى ئارقىلىق ئاڭلىتىدۇ. ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 3 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىدەك قىسمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. خالىد بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا «ئاتامان تەنتەربىيە كۇلۇبى» دا يېڭى بىر ئەۋلاد ئىرادىلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.