ۋاڭ يى نورۋېگىيەدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھەرساھەنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ نورۋېگىيە زىيارىتى ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

بىر ھەپتىلىك ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-ئاۋغۇست گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بۈگۈن 27-ئاۋغۇست ۋاڭ يى نورۋېگىيەگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرىلا نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرى كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىپ «خىتاي-نورۋېگىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ نورۋېگىيەنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايغا بېقىندۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 26-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىگە خەت يېزىپ «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ خورلىنىش مەسىلىسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت قىلىنىش مەسىلىسى» قاتارلىقلارنى بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە-خىتاي سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشكەن. نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى «بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈنتەرتىبىمىزدە» دەپ جاۋاب يوللىغان.

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» خادىملىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا تۈنىگۈن «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى»، «نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى»، «نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى»، «نورۋېگىيە تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى»، «نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيە شۆبىسى»، «سىتىفانۇسالىيانسەن» ناملىق دىنىي جەمئىيەت، «سىتېفېن ئىتتىپاقى ۋە ھېلسىنكى كومىتېتى» قاتارلىق 8 تەشكىلات خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى نورۋېگىيە زىيارىتىگە قارشى ئورتاق نامايىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ۋە بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلغان.

بۇ ھەمكارلىقنىڭ روھىغا بىنائەن بۈگۈن، 27-ئاۋغۇست پايتەخت ئوسلودىكى نورۋېگىيە باش مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نورۋېگىيەدىكى تارماق ئورگىنىنىڭ خادىملىرى ھەمدە يەرلىك ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى بۇ بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا سىكاندىناۋىيە مېھمانخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەھتىيار ئۆمەر ئەپەندى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بىزنى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتلەردە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە نورۋېگىيەدىكى نوپۇزلۇق مۇھىم سىياسىي زاتلار نۇتۇقلار سۆزلەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىدە ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت 5 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، 31-ئاۋغۇست بېرلىن´غا يېتىپ كېلىدىكەن. د ئۇ ق ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى 1-سېنتەبىر كۈنى پايتەخت بېرلىندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.