خىتاي دائىرىلىرى كورونا ۋىرۇسىدىن 2019-يىلى دېكابىردىلا خەۋەر تاپقان ئىكەن

خىتاي دائىرىلىرى كورونا ۋىرۇسىدىن 2019-يىلى دېكابىردىلا خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، بۇ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باستۇرۇپ قويغان.

«نيۇيورك پوچتىسى گېزىتى» ۋە ۋال سترېت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2019-يىلى 10-دېكابىر ۋۇخەندىكى خۇائەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يايمىچىلىق قىلىدىغان ۋېي گۇيشيەن زۇكامداپ قالدىم، دەپ ئويلاپ يەرلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ كۆرۈنگەن ۋە ئازراق دورا ئېلىپ ئىشىغا قايتقان.

ھالبۇكى، ئۇ 8 كۈندىن كېيىن مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا بىھوش دېگۈدەك ھالدا داۋالىنىشقا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئۇنىڭ «تۇنجى كورونا ۋىرۇسى بىمارى» بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ۋېي خانىمدىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن بىمارلار ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن داۋالىنىشقا ئېلىنغان. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئەسلىھەلىرى ناچار، كىچىك دوختۇرخانىلاردا كۆرۈنگەن. بەزىلىرى پۇلىنى قىممەت كۆرۈپ ئۆپكىسىنى رېنتگېنغا ئېلىشىنى، ياكى ۋېي خانىمغا ئوخشاشلا چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بېرىشنى خالىمىغان.

دوختۇرلار دېكابىرنىڭ ئاخىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇائەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان ۋە ۋېي خانىم قاتارلىق كۆپلىگەن بىمارلارنى كارانتىن ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئەھۋالدىن يۇقىرىنى خەۋەردار قىلغان.

«نيۇيورك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-يانۋار خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن 31-دېكابىرغا كەلگەندە ئاندىن ۋاقىپلاندۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېسەلنى تۇنجى داۋالىغان دوختۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئېغىزنى ئەتكەن.

بۇ ئەجەللىك ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەر-ئۇچۇرلار 20-يانۋارغىچە جامائەتتىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان. 23-يانۋارغا كەلگەندە پۈتكۈل ۋۇخەن شەھەرى كارانتىن ئاستىغا ئېلىنىپ، ۋۇخەنگە كىرىپ-چىقىش چەكلەنگەن.

نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك تارقالغان ۋە 29-مارتقىچە 691 مىڭ 867 ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 32 مىڭ 988 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

«ۋال سترېت ژۇرنىلىنى» ڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋېي خانىم كېيىن ئۆزىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنراق ھەرىكەت قىلغان بولسا، بۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.