شىۋېتسىيەدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى داغدۇغىلىق نامايىش بىلەن خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش سادالىرى سىتوكھولم شەھىرىنى لەرزىگە كەلتۈردى. جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شىۋېتسىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ۋە قېرىنداش تۈرك جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خىتايغا قارشى نامايىشقا تەييارلاندى.

بۇ قېتىملىق بىرلەشمە نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تەشكىللىدى. نامايىش رىياسەتچىلىرىدىن ئابدۇللا ئەپەندى كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ئۆتتى.

پارلامېنت ئالدىدا باشلانغان نامايىش كۆپچىلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئار سادالىرى بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شىۋېتسىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن نىجات تۇرغۇن بىلەن ئابدۇشۈكۈر سامساقلار سۆز قىلدى. پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن فارۇق ئاكىمۇ كۆپچىلىككە سۆزگە چىقىپ بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

بىر سائەتتىن كېيىن نامايىشچىلار قوشۇنى سەپ بولۇپ پارلامېنت ئالدىدىن ئايرىلىپ شەھەر ئىچىنى بويلاپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلدى. نامايىش تاكى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى چىملىق مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى. شىۋېتسىيەنىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن «تۈرك خەبەر ئاجېنسى» نىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن نامايىشنى خەۋەر قىلدى. نامايىشقا ئاتا - ئانىلىرى بىلەن بىللە قاتناشقان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلار قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتقان ھالدا شوئار توۋلاپ ئەتراپتىكى شەھەر خەلقىگە چوڭقۇر تەسىرات بېغىشلىدى.