ئابابەكرى قاسىم: گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 7 يىل جەريانىدا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.08.13
ababekri-qasim-albaniye-305.png گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامىلىپ ئالبانىيەگە قويۇپ بېرىلگەن ئابابەكرى قاسىم
RFA/Qutlan

گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان 22 نەپەر ئۇيغۇردىن تۇنجى تۈركۈمدە قويۇپ بېرىلگەن ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيەدە يەرلەشكىنىگە بۇ يىل 7 يىل بولدى.

بۇ 7 يىل جەريانىدا ئۇلارنىڭ بىرى شىۋېتسىيەنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشىپ ھازىر ستوكھولمدا تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ياشىماقتا. قالغان تۆتەيلەن ئالبانىيە پايتەختى تىرانا شەھىرىگە تەدرىجى يەرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەلدىكى يېڭى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلاردىن ئابابەكرى قاسىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىللىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ ئۆز ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئالبانىيەدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر
گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئالبانىيەدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر

ئابابەكرى قاسىم 1997 - يىلىدىكى «5 - فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان كۈنلىرىدە بولسۇن ياكى 2001 - يىلىدىن كېيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ناھەق قامالغان يىللاردا بولسۇن، قەلبىگە ۋەتەننىڭ ھۆرىيىتىنى چىگىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ 2006 - يىلى ھۆرلۈككە ئېرىشىپ ئالبانىيەگە كەلگەندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش يولى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەمدە مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەللەر ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر خەلقى چېكىۋاتقان ئازابلار ئالدىدا بىزنىڭ تارتقان جاپايىمىز ھېچگەپ ئەمەس» دېدى.

ئابابەكرى قاسىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزى باشلىق گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان 22 نەپەر ئۇيغۇر چەككەن ئېغىر رىيازەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق تۇتقۇنلۇق كەچۈرمىشلىرىنىڭ گەرچە ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتىدىكى ئاچچىق قىسمەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتىكى بىر ۋاستە بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەگەر ئۆز كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن مەلۇم پايدىسى بولىدىغانلا بولسا، ھەرقانداق شارائىتتا ھەرقانداق خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا شارائىت يار بەرگەندە ئۆز ھاياتىدىن ئەسلىمە يېزىش ئويى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.