ئامېرىكا ئىراندىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىدى

ئامېرىكا ئىراننىڭ نېفىتتىن كىرىدىغان كىرىمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن يەنە بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ئامېرىكا بۇ جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا يانتاياق بولغان ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى جازالاشنىمۇ مەقسەت قىلىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى بولۇشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا ماسلىشىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنى رادىئو، تېلېۋىزىيىگە ئوخشاش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە توۋا قىلىشقا مەجبۇرلىغان. تور ساقچىلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېلخەتلىرىگە ۋە ئۆكتىچى تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئۆزلىرىگە يارىمايدىغان مەزمۇنلارنى تازىلاش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئامېرىكا يېڭىدىن قوشۇلغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان، بولۇپمۇ ئىران خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەل-جەزىرە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ نۆۋەت جازالىغان شەخسلەر ئىچىدە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رادىئو ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەززەتوللاھ زەرغامى قاتارلىق بىر قانچە كىشى بار. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ پۇل-مالىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشتىن چەكلەنگەن.