ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كۈرت پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.22
jo-baydin-Joe-Biden-turkiye.jpg ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن تۈركىيە زىيارىتىدە، پارتلاش يۈز بەرگەن سۇلتان ئەخمەت رايونىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى. 2016-يىلى 22-يانۋار، ئىستانبۇل.
AFP

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. 23-يانۋار كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جوۋ بايدىن بۈگۈن كۈرت مەسىلىسى توغرىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى.

جوۋ بايدىننىڭ تۈركىيەدىكى بۈگۈنكى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى كۈرت مەسىلىسى توغرىسىدا بولۇپ، بۈگۈن چاقىرغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كۈرت پارلامېنت ئەزالىرىدىن غالىپ ئەنسەروغلۇ، ئورخان مىروغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن كۈرت مىللەت ۋەكىلى سەزگىن تانرىقۇلۇ بىلەن فىكرى ساغلار ئەپەندى، كۈرت پارتىيەسى بولغان خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايخان بىلگەن بىلەن لەيلا زانا خانىم قاتناشتى.

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىستانبۇل بېشىكتاش رايونىدىكى كونراد مېھمانخانىسىدا مۇخبىرلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا كۈرت مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندىمۇ تۈركىيەنىڭ كۈرت مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 23-يانۋار كۈنى جوۋ بايدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتىمۇ كۈرت مەسىلىسى،«پ ك ك» تېررور مەسىلىسى، سۈرىيە، ئىراق ۋە دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررور مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ تۈركىيەنىڭ ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بۇنداق جىددىي بىر ئەھۋالدا تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە بۇ ئۇچرىشىشلاردا رايوندىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ھەققىدە ھەم پىكىر بولالارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى ۋە تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسورر دوكتور مەمەت ئوقۇر ئەپەندى جوبايدىننىڭ تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر سۈرىيەدە باشلىنىپ، تۈركىيەدە ئۇلغىيىپ كەتكەن پ ك ك تېررور مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپتە بولىدىغانلىقى ئېنىقتەك قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررور تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹پ ي د› تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۈركىيە بولسا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان تېررور ھۇجۇمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پ ي د بىلەن ئالاقە قۇرۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۆپرەك كۈرت مەسىلىسى، بۇ مەسىلىنىڭ سۈرىيەگە ئۇزىرىشى، پ ك ك تېررور مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.»

ئۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىدە بەزى مەسىلىلەردە ئاسانلىقچە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بەزى مەسىلىلەردە ئاسانلا ھەم پىكىر بولالمايدۇ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى تۈركىيە تېررورنىڭ شىددىتىنى يېقىندىن ھېس قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە سۈرىيەدىكى ‹پ ي د› نىڭ تۈركىيەدىكى ‹پ ك ك› بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ئاسانلىق بىلەن قوبۇل قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورچىلىرىغا قارشى كۈرەشتە سۈرىيەدىكى كۈرتلەر قۇرغان ‹پ ي د› تەشكىلاتىنى قوللايدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ي د تەشكىلاتىنى تۈركىيە قانۇنى تەشكىلات دەپ قوبۇل قىلسا، پ ك ك تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.