0:00 / 0:00
2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە تىنچلىق بىلەن نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشى ۋە غايىپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. مانا بۈگۈن مەزكۇر ۋەقەنىڭ 4 - يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى شىتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

تۆۋەندە سىلەرگە نامايىش مەيدانىدىكى ئەھۋالدىن مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.