ئامېرىكا - خىتاي ئانتىتېررورلۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان

0:00 / 0:00


15 - ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى» دە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىن ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» نى باستۇرۇشىنى قوللىشى ۋە چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا - خىتاي ئانتىتېررورلۇق ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىئالوگىدا خىتاي تەرەپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ «تېررورلۇق» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشىنى ئاقلىغان. ئامېرىكىنىڭ بۇنى قوللىشىنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللانماسلىققا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چۈشىنىشكە ۋە قوللاشقا» چاقىرغان.

يىغىندا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشى چۈشەنچىسى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە پىكىرداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش» ھەققىدىكى تەلىپىگە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ سۆھبەت ھەققىدىكى يازما باياناتىدا، «ئىككى تەرەپ تېررورلۇقنىڭ ئىككى دۆلەتكە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە پەيدا قىلغان ئورتاق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىنى تەكىتلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، دىئالوگ جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپ ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى، دۇنيادىكى ھەر قايسى رايونلاردا تىنچلىق، گۈللىنىشنى ئالغا سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىككى تەرەپ ئەمىلى يوللار ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېلەر يىلى تەكرار ئۇچرىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، سۆھبەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە چۈشىنىش» ھەققىدىكى تەلىپىگە ئامېرىكا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر سوئالىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پۈتۈنلەي تېررورلۇق، دەپ قاراپ، خىتاي بىلەن ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈشكۈل. چۈنكى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى پەرقلىق.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى تېررورلۇق چۈشەنچىسىدىكى پەرقنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورتاق ئاساسى يوق. چۈنكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى، بىزنىڭ ۋە مۇتلەق كۆپچىلىك خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۆلچىمىگە سالغاندا ھەرگىز تېررورلۇققا كىرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى قوللانغان ھەر خىل چارە تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى ۋە بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشتۇر. بۇ نۇقتىدىن بىز ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قوللىمايمىز. كومپارتىيە ئېيتىۋاتقان تېررورلۇق بىزنىڭ قارىشىمىزچە تېررورلۇق ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى مۈشكۈل. تېررورلۇق ئۆلچىمى ۋە جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى قوللانغان چارە تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى«تېررورلۇق» دەپ بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ نۇقتىنى تولۇق ۋە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. خۇ پىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەلەرنى تېررورلۇق، دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق نۇقتىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ساقچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. بۇ بىرىنچى ئامىل. ئىككىنچى ئامىل، ئۇلار قوللانغان قوللار ناھايىتى ئىپتىدائىي، بولقا، بېنزىن، دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەر. يېقىندىن بۇيان سەرەڭگىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى قوللاندى. ئۇلار ناھايىتى ئاددىي قوراللارنى ئىشلەتتى. ئۈچىنچى ئامىل، بۇ ھەرىكەتلەر تەشكىلسىز، شەخسى ھەرىكەتلەر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇق - تۇغقانلار. تۆتىنچى ئامىل، ئۇلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق گۇرۇھلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم ئامىل. بۇ نۇقتا شۇنى كۆرسىتىدۇ، سېنىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىڭ چەكتىن بەك ئېشىپ كەتتى. سېنىڭ باستۇرۇشۇڭ بەك ئېغىر. سەن تېررورلۇققا قارشى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندىڭ. بىراق يەنىلا قارشىلىق ۋەقەلىرىنى توسۇپ قالالمىدىڭ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ، جۇڭگودا بولۇپمۇ شىنجاڭدا بۇ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي ئاساس بەك چوڭقۇر. بۇ دېگەنلىك يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېگەنلىكتۇر.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت خىتاينىڭ 22 - ماي «ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان نازۇك بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر «كۈنمىڭ ۋەقەسى» ۋە 22 - ماي «ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى تېررورلۇق، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق، دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئاپرېلدا ئېلان قىلغان يەرشارى تېررورلۇق دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن.

ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق ش. ت. ئى. ھ گە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى نۇقسانلىرىغا ئەندىشە بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئامېرىكىنى، تېررورلۇق مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللاندى، دەپ تەنقىدلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىماسلىققا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاۋازىنى يۈكسەلتىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىشتەك قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە تەنقىد قىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلىدە جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىنى قوللاشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلىشى ۋە ئەيىبلىشى لازىم.

ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇق قارشى تۇرۇش دىئالوگىدا ئامېرىكا تەرەپكە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى سارا سېۋال، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى، باش ئەلچى تىنا كايدانوۋ، خىتاي تەرەپكە مۇئاۋىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ سۆھبەت يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي - ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.