ماركو رۇبىيو خىتاينىڭ پىلانلىق ھالدا ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.05.07
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاينىڭ مۇشتومزورلۇق ۋاستىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالدى. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئوڭشاشنى ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن پەيدا بولغۇسى بىر تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلكلىرىنى ئوغرلاش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرلاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 2025 -يىلىغىچە 10 مۇھىم ساھەدىكى ئېكىسپورتنى قولغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ‹2025-خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان› ناملىق ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈردى. ئۇ ساھەلەر سۈنئىي ئەقىل، يېڭى بىر دەۋر ئۇچۇر تېخنىكىسى، ماشىنا ئادەملەر، يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىللىرى، بىئوتېخنىكا، گېنېراتورلار، ئالەم تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق پوچتا مۇلازىمەت، ئىلغار تۆمۈر يوللار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ساھەلەرنى نىشانغا ئېلىشى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلىق ئورنىنى ئېلىشتەك نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە».
ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە ئامېرىكا فوكس تېلىۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىدىكى بۇ سۆزىنى يەنىمۇ ئېنىق قىلىپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇلارنى پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىشكە باشلىغاندىن بېرى، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدىم. خىتاينىڭكىسى قانداقتۇ بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئۇنىڭ دۇنيادىكى زور دۆلەتلىك ئورنىنى ئىگىلەش، ئۇنىڭ ئۇلىنى كولاش پىلانىدۇر».
ماركو رۇبىيو خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ يىلىغا 600 مىليارد دوللار زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ خاتالىقنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە «خىتاي بىلەن ئادىل سودا يۈرگۈزۈشكە ئائىت قارار» نى ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھەسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇشتۇمزورلۇق ۋاستىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ماركو رۇبىيونىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر «خىتاي تەھدىتى» گە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ماركو رۇبىيو يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قاراردا ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرى ۋە ئەقلىي مۈلكلىرىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش، خىتاينىڭ ئامېرىكا شېركەتلىرىدىكى پاي چېكىگە چەكلىمە بەلگىلەپ بېرىش بەلگىلەنگەن. مەزكۇر قارار يەنە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە توم كوتتونلار بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ تېلېفون ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىجارىگە ئېلىشتىن چەكلەش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ماركو رۇبىيو فوكس تېلېۋىزىيىسىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شېركەتلىرىگە پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى، ئامېرىكا شېركەتلىرى بىلەن ئالدى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى تېپىپلا چىقىرىۋېتىپ، ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى قايتا -قايتا ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، بۇ پەقەتلا بىر ئىقتىسادىي مەسىلە، سودا مەسىلىسى ياكى بىر جازا تەدبىرى مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى بۇ كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم يېگانە بىر جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەسىلىسىدۇر. ئۇ -21 ئەسىرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ چىقىدىغان بىر مەسىلىدۇر» دېدى.
بۈگۈن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەنە، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ -9 كۈنى خىتاينىڭ تەسىرى ھەققىدە ئېچىلىدىغان بىر يىغىنىغا خىتاي دۆلەتلىك مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە تەۋە خادىم ۋاڭ خۈيياۋنى تەكلىپ قىلغان. ئەمما يىغىن ھەققىدىكى ئېلاندا ۋاڭ خۈيياۋنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى ئەمىلى تىلغا ئېلىنمىغان ئىكەن. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، سېناتور ماركو رۇبىيو ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن ۋاڭ خۈيياۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرى ھەققىدىكى جىددىي ئەندىشىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ ئامېرىكىدا خىتاي تەھدىتى دەيدىغان بىر ئۇقۇمنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ماركو رۇبىيوغا ئوخشاش سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا باغلىقلىقىنى ئېيتتى.