ئامېرىكىنىڭ خىتاينى كۆزىتىش ئورگىنى خىتاينىڭ تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.20
xitay-iqtisad-song-lin.jpg خىتاي خەزىنە گۇرۇھىنىڭ باشلىقى سوڭ لىن مۇخبىرغا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 2013-يىلى 18-ئىيۇل، بېيجىڭ.
ImagineChina

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى» نىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە تاشقى كۈچ ئىكەنلىكى، خىتاي بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرى داۋاملىق زورىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋال، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئوبيېكتى ۋە تەسىرىگە مۇقەررەر دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتى ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئەللەر بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇقنى ئالغا سۈرۈش، ئىچكى مۇقىملىق ۋە كونتروللۇققا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىق ۋە كونتروللۇققا كاپالەتلىك قىلىش... قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش بولۇپمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى قوغداش خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان تاشقى مۇناسىۋىتىدىكى نىشانلىرىنىڭ بىرى. چۈنكى شىنجاڭدا بۇرۇن يۈز بەرگەن مىللىي ۋە سىياسىي قالايمىقانچىلىقلار چەتئەل مۇسۇلمان گۇرۇھلىرىنىڭ بولۇپمۇ، ئوتتۇرا-شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمان گۇرۇھلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا بېيجىڭ بۇ چەتئەل گۇرۇھلىرىنىڭ ئۇ «بۆلگۈنچى» دەپ قارايدىغان بۇ كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى.

پرىنسىتون-خارۋارد جۇڭگو پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور داۋان مۇرفىي خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئىتىنى 4 نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ، يېقىندا ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كومىتېتىدا يېقىندا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ 3‏-ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتى ئۆزىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. خۇسۇسەن، مۇسۇلمانلارنىڭ شىنجاڭدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىشى ئۇنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئەندىشىسى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى ئوتتۇرا-شەرق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. بىراق «ئەرەب باھارى» باشلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. نوقۇل شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، ئەرەب باھارىنىڭ خىتايغا كېڭىيىشىدىن ساقلىنىشقا ئۆزگەردى، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى تەشۋىقاتى ۋە دىپلوماتىك پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن. چۈنكى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» ئىسلام دۇنياسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، بەزى نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى دىنىي ئۆلىمالار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى «بۆلگۈنچى» ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاشنى ئۆتۈنۈپ كەلگەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ 2010‏-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا، بۇ ئورگانغا ئەزا ئەرەب ئەللىرى تېررورلۇق ياكى خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان 'دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر' ۋە ياكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرىدۇ، دېگەن بىر ماددا كىرگۈزۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ھېبرو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىزاك شىخورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن. ئۇ، بۇ مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ھەقىقىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىزاك شىخور، شۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: خىتاي تاشقىرىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشىغا پەۋقۇلئاددە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ياكى يول قويمايدۇ. 1990‏-يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ بۇ خىل ياردەمدە بولماقچى بولغان. بىراق 90‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي ئۇلارنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توختال قالغان. نۆۋەتتە، ئۇلار خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادى ياردەم بېرىشكە يول قويسىمۇ، بىراق بۇ نۇقتىلىق تۇڭگانلار بىلەن چەكلىنىدۇ. تۇڭگانلار ئېتنىك جەھەتتىن خىتاي ئامما ئۆزى مۇسۇلمان خەلق. ئۇلار ئىزچىل ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇپ كەلگەن. شىنجاڭ بولسا پەرقلىق، ئۇلار تۇڭگان ئەمەس، تۈركىي خەلق. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك، قازاق قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە يېقىن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نىيىتى گۇمانلىق، دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھەقىقىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقى مەجھۇل.

ئىزاك شىخور، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ 1945‏-يىلى قۇرۇلغان ش. تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىيالى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەت خىتاي 1949‏-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنى تەكرار ئىشغال قىلغانغا قەدەر 4 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بىراق بىز بۇ خىل مەسىلىلەردىن قىزىقىش نۇقتىسىدىن مۇزاكىرە قىلساق بولار. لېكىن مەن خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ھەقىقىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى شىنجاڭدا تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاش ۋە ھوقۇقنى قانداق مونوپول قىلىشقا قارايدۇ. ئېھتىمال ئۇ كېلەچەكتىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ ھازىر ھەقىقىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك مۈشكۈل، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاينىڭ خىتاي ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا دىققەت قىلىشنى، ئۇنىڭ 2020‏-يىلى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ زور زامانىۋى سۇ ئاستى ۋە سۇ ئۈستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئىگە كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2020‏-يىلغا قەدەر، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ 60 % نى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنىڭ 60 % ئاسىيا-ئوكيان رايونىغا يۆتكىسە، ئۇنىڭ ھازىرقى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېڭىز ئارمىيە كۈچى 50% ئاشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.