ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى خىتايغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولۇپ باھالاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.12.20
amerika-xitay-munasiwiti ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
Photo: RFA


ئامېرىكىدىكى پېۋ خەلقئارا ئستاتىستىكا تەتقىقات ئورگىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدىكى بىر ستاتىستىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ستاتىستىكا 39 دۆلەتتىكى كىشىلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە خۇلاسىلەپ چىقىلغان.

بۇ ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ بىر كۈنى ئامېرىكىدىن ئىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتايدىن بەك ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر يەنە خەلقئارا مەسىلىلەردە خىتاينى شەخسىيەتچى، ئۆز مەنپەئەتىنىلا چىقىش قىلىدىغان، دەپ قارايدىكەن.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى پېۋ خەلقئارالىق پوزىتسىيە لايىھەسى تەتقىقات ئورگىنى 39 دۆلەتتىكى 37 مىڭ 653 نەپەر ئادەمنىڭ رايىنى سىناش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. سىتاتىستىكا نەتىجىسىدىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا خىتايغا قارىغاندا كۆپ ياخشىلىقى، بولۇپمۇ پرېزىدېنت ئوباما 2009 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن خەلقئارادا بىر مەھەل كەينىكە چېكىنىپ كەتكەن ئامېرىكا ئوبرازىدا ياخشىلىنىش بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

پېۋ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ كۆپى ئامېرىكىنى ئۆزلىرىگە شېرىك دۆلەت، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئەمما خىتاينى بولسا خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئاكتىپ ئەمەس، ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، شەخسىيەتچى دەپ ئويلايدىكەن. لېكىن ھەر ئىككىلا دۆلەتنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى ۋە ئادىل ئەمەس دەپ قارىغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئوبرازى دۆلەت ۋە رايونغا قاراپ پەرقلىنىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ياخشىكەن. بۇش مەزگىلىدە ياۋرۇپادا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كۈچىيىپ كەتكەن بولسا، ئەمما 2009 - يىلى باراك ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشى ياخشىلانغان. ياۋرۇپادىكى خىتاينى ئامېرىكىغا قارىغاندا ياخشى دەپ باھالىغان بىردىن - بىر دۆلەت بولسا گىرىتسىيە ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئوبرازى بولسا بىردەك تۆۋەن. بولۇپمۇ پاكىستان، ئىئوردانىيە، مىسىر، پەلەستىن قاتارلىق ئاران 11 پىرسەنت بىلەن 16 پىرسەنت ئارىلىقىدا. تۈركلەردىن ئامېرىكىنى ياخشى دەپ قارايدىغانلارنىڭ پرسەنتى ئالدىنقى يىللاردا 15 پىرسەنت بولسا، بۇ يىل ئۆرلەپ 21 پىرسەنت بولغان. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشى تەكشى ئەمەس بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئەكسىچە، سېنېگال، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۆز قارىشى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، فىلىپپىندىكى ئوبرازى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر خىتايغا قارىغاندا ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مۇھىم، دەپ قارايدىكەن.

خىتاينىڭ نومۇرى ياپونىيىدە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئاران 5 پىرسەنت كىشى خىتايغا ياخشى باھا بەرگەن. ئەمما پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭمۇ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشى ئىنتايىن ياخشى. ھەتتا نۇرغۇن پاكىستانلىقلار خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى بولسا لاتىن ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدا خىتايغا قارىغاندا ياخشى ئىكەن.

بۇ قېتىملىق سىتاتىستىكىلاردا ئامېرىكا - خىتاي ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆلچەپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قارىغاندا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىر - بىرى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭمۇ يامانلاپ بارغانلىقى مەلۇم بولغان. مەسىلەن، ئامېرىكىدا ئاران 37 پىرسەنت كىشى خىتاينى ياخشى دېگەن بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى 51 پىرسەنتتىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتكەن. خىتايدىمۇ ئامېرىكىنى ياخشى دېگۈچىلەر ئىلگىرىكى 58 پىرسەنتتىن ھازىرقى 40 پرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. ئەمما ھەر ئىككىلا دۆلەتتىكى ياشلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان كۆز قارىشى چوڭلاردىن ياخشىراق ئىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىغا ياخشى باھا بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى جورج بۇش تەختتىكى 2007 - يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن بولۇپ، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كۆپ ھەسسىسى بولغان. بولۇپمۇ گېرمانىيە، فىلىپپىن، فرانسىيە، كانادا ۋە كېنىيىلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئادىل، دەپ قارىغان. ئەمما يەنە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشى ئامېرىكىنىڭ پاكىستان، يەمەن ۋە سومالىيىدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى خاتا، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنىڭ ياخشى بولۇپ باھالىنىشىغا ئەڭ كۆپ نومۇر قوشقىنى ئامېرىكىدا كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بولغان. ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلارمۇ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ئەركىنلىككە يۇقىرى باھا بەرگەن. باھالاشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 70 پىرسەنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خىتايدا كىشىلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا 36 پىرسەنت ئىكەن. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ناچار باھالىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، كىشىىلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۆزىنىلا چىقىش قىلىدۇ، ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى قوغلىشىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ قوشۇپ ئويلىمايدۇ، دەپ باھا بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.