ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ترامپ پرېزىدېنتلىققا يېڭى ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ لىدېرلىرىنىڭ قىزغىن ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە بىر مەھەل ئىنتايىن يېقىنلىشىپ كەتكەن. بىراق، يېقىندا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىتاينىڭ ئامېرىكا كۈتكەن يەردىن چىقماسلىقى ئامېرىكانى بىئارام قىلغاندىن كېيىن، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئەمدى ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋەزىپىگە يېڭى ئولتۇرغان مەزگىلدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۆزىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى تۇرالغۇسىدا قوبۇل قىلغان. ئۇچرىشىش جەريانىدا ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي باياناتلارنى بېرىشكەن. ئەينى چاغدىكى ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ترامپنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئالمىدى، دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بىراق، يېقىندا ترامپ ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتى بولۇپ، ئۇلار يېقىندا مەخسۇس بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قويغان دىنىي بېسىم ۋە چەكلىمىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. يەنە بىرى، بولسا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا ئىنسان تىجارىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنىشىنى قەتئىي خالىمايدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ بىر ئېغىر زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى باھار پەسلىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەپمۇ قارىماقتا.

مەسىلەن، بۈگۈن ئامېرىكىدىكى برېيتبارت ناملىق بىر تور ژۇرنىلىدا «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى جېدەلخور بولۇپ كېتىۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى 6 خىل يولى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پرېزىدېنت ترامپنىڭ ھازىر سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ئۆزى دېگەندەك خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىر خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىجارىي پايدىلارنى كوزىر قىلىش، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارارلاشتۇرۇش ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلىدىغان دەندۇڭ بانكىسىغا چەكلىمە ئېلان قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىش، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلەيدىغان دېڭىز ۋە ھاۋا سەپەرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ھازىر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيەلەر بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا سۆزىدە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.