رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بەس-مۇنازىرە قوزغىماقتا
2018.11.23
نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بۇستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «سوغۇق ئۇرۇشى» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
دۇنياۋىي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلىۋاتقان بەس-مۇنازىرىلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي بېسىمىمۇ پەيدىن-پەي كۈچەيمەكتىكەن. بۇ ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
9-نويابىردا رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مىخائەل سېرگېيېفنىڭ «رۇسىيە ۋە خىتاينى چوڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۈتمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىن ئارىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 5.9 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدا كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىگەن ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا بازارلاردا سېتىۋاتقان نېفىتتىن كىرىۋاتقان كىرىمىگە زور زىيانلار كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي تەخمىنلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈككە دۇچار بولۇشى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈدىكەن. بۇ جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنىڭ 2020-يىلى 6 پىرسەنت كېمىيىپ كېتىشى پەرەز قىلىنماقتىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاراتقان سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ئېمبارگولىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئۆزئارا يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلىماقتىكەن. رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتىدا بېرىلگەن «رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى: ئېمبارگو ۋە سودا ئۇرۇشلىرى موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ شەرتنامىلىرىگە ياردەم بەردى» دېگەن ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى مەملىكەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە قاراپ چىققان.
مەزكۇر مۇزاكىرىلەر داۋامىدا ئىككى تەرەپ يېزا-ئىگىلىكى، تاموژنا، ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا سودىدا مىللىي پۇلنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.
ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشتا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە ئۆزئارا مىللىي پۇلنى ئىشلىتىش مەسىلىسىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلماقتىكەن. ماقالىدا يەنە ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكە بەلگىلىگەن سودا-ئىقتىسادىي پروگراممىسىنىڭ كېلەچىكىدە بەزى ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكى ئېيتىلغان.
ئانالىزچىلار يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي-سىياسىي توقۇنۇشلارغىمۇ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «تېڭرىنېۋس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشى - ئانالىزچىلار بۈگۈن ھەربىي-سىياسىي كەسكىنلىكنى كۈتمەكتە» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھەربىي توقۇنۇشقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ماقالىدا قازاقىستاننىڭ پرېزىدېنت فوندى يېنىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى رۇسلان ھېزىموفنىڭ بۇ ھەقتە پىكرى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي بىلەن بۇ رايوندىكى بىر قاتار مەملىكەتلەر ئارىسىدا يەر جىدىلى مەۋژۇت بولۇپ، كېيىنكى يىلى بۇ تالاش-تارتىشنىڭ ھەربىي توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كېلىشى پەرەز قىلىنماقتىكەن.
رۇسلان ھېزىموفنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق كرىزىسنىڭ كۈچىيىشى قازاقىستانغا ھەم خەۋپ تۇغدۇرۇشى ھەم ئۇنىڭغا بەزى مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنى ھېسابقا ئېلىشقا بولىدۇكى، قازاقىستان ئۈچۈن بەزى مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ تۇغۇلۇشى ئېنىق. بىرىنچى نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە. خىتايغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ زور قىسمى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يەنى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ يەردە بىز ئۈچۈن ئۇتۇش بار، ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىزنىڭ يېزا-ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىمىزنى خىتايغېا چىقىرىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئىشلەپ چىقىپ بولدى». رۇسلان ھېزىموف ئىككى چوڭ مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىقنىڭ ياۋرو-ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى ھاكىمجان ئارىپوفنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگوسى بىرىنچى نۆۋەتتە رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ ئەرزەنلاپ كېتىشىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئىقتىسادى تۆۋەڭە، يەنى كرىزىسقا قاراپ تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن رۇسىيە رۇبلىسىمۇ ھالسىزلانغان. شۇنىڭ بىلەن رۇبلىنىڭ قىممىتى چۈشۈشى بىلەن قازاقىستان تەڭگىسىنىڭمۇ قىممىتى چۈشۈشكە باشلىغان. چۈنكى ئۇلار بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ قازاقىستان پۇلىغىمۇ سەلبىي تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قازاقىستاندىكى كۆمۈر چىقىرىدىغان “بوگاتىر” شىركىتىنىڭ مەبلىغىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رۇسىيەگە قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭمۇ قازاقىستان كارخانىلىرىغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىشىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ قازاقىستان ئۈچۈن ياخشى مۇمكىنچىلىك.»
ھاكىمكان ئارىپوفنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاراتقان سودا-ئىقتىسادىي ھۇجۇملىرى ئارقىسىدا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى سۆزدە ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ خىتاي ئۈچۈن رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما رۇسىيە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە خىتايدەك شېرىكنىڭ لازىمل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سىياسەتشۇناس شېرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىر كۆپرەك ياۋروپا بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كەڭەتىشكە تىرىشماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا يېڭى يىپەك يولىغا قىزغىن قاراۋاتىدۇ. ھازىر يۈكلەرنىڭ 2 پىرسەنتى يەر ئارقىلىق، 98 پىرسەنتى دېڭىز ئارقىلىق ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن بولسا بوشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن ئالاقىسى ياخشى. بۇ قازاقىستانغا ئىقتىسادىي تەرەپتىن كۆپ پايدا بېرىۋاتىدۇ. 2019-يىلى يېڭى يىپەك يولى پۈتكەندىن كېيىن قازاقىستان تېرىتورىيەسىدىن ئۆتىدىغان يۈك تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. خىتاي ياۋروپادىن تېخنولوگىيە سېتىۋالىدۇ، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن خام ئەشىيا ئالىدۇ.»
شېرىپجان نادىروف خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يېقىنلىشىپ كېتىشىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ رىقابەتچىلەرگە ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چىقىرىلىدىغان ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ھەتتا بىر پىرسەنتكە چۈشكەن ھالەتتىمۇ بۇ خىتاي ئۈچۈن بىلىنەرلىك ئەھۋال ئىكەن. خىتاي باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئومۇمەن بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىلگەركىگە قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتكەن.