سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.08.07
urumchi-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرگەن قوراللىق ئەسكەرلەر. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA


خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ئامېرىكا تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەرەپكە تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندا ئاۋۋال مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەردە ئىپادىلەنگەن پوزىتسىيە ۋە بىر - بىرىگە بېرىلگەن سىگناللار ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

مەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي ئامېرىكىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ياردەم تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى توغرا چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا مەسىلىنىڭ يىلتىزى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى. مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇ پوسىتسىيەسىنىڭ بۇش دەۋرىدىن تارتىپ ئاساسەن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سوئال: 4 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سۆھبىتىدە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تەدبىرنى ئەتراپلىق ئېلىشنى ۋە مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. سىزچە، بۇ تەكلىپتە ئىپادىلىنىۋاتقىنى قانداق بىر پوزىتسىيە، بېرىلىۋاتقىنى قانداق بىر سىگنال؟

جاۋاب: ئامېرىكنىڭ بۇ پىكرى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشتۇر؛ يەنى ئامېرىكا بۇ تەكلىپى ئارقىلىق «مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى سېنىڭ سىياسىتىڭدە، سېنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىڭنى قوللىمايمىز» دېگەندىنلا ئىبارەت، دىپلوماتىك تىل بىلەن دېيىلگەن مەزكۇر تەكلىپنىڭ ئاممىباپ تەرجىمىسى شۇ.

سوئال: ئامېرىكا مەسىلىنىڭ يىلتىزى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىنىشى، تېررورچىلار بار دەپ قارالغان جايلاردىكى ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى يوقىتىشنى تىلغا ئالغان، ئامېرىكىنىنگ مەسىلىنى بۇ قەدەر كونكرېت ئوتتۇرىغا قويالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

جاۋاب: چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار توپلىغان كۆپلىگەن مەلۇماتلىرى، ئېلان قىلغان دوكلاتلىرى، قىسىقىسى يېتەرلىك پاكىتلىرى بار، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان، خىتاي تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتى بار. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

سوئال: دېگىنىڭىزدەك، خىتاي يىللاردىن بېرى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەندە «بۇ ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى» دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى بايانىدىن قارشىلاشقۇچىلارنى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ تونۇغانلىق دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ، چۈنكى ئەمەلىيەتمۇ شۇ. خىتاي شۇ قەدەر قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولۇشى، ئاخىرى ئۈزۈلمەسلىكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا بىر جامائەت پىكرى، خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى بارلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى.

سوئال: ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى توغرا چۈشىنىشى ياكى قوللىشى دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانى باشتىن - ئاخىر ئېنىق ۋە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ كەلدى. بۇش ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ پرېزىدېنت بۇش خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش مەقسىتىدە سۈيئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، يەنى يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت دەپ تونۇپ كەلگەن پوزىتسىيەسى ئېنىق.

سوئال: خىتاي تەرەپ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشتا، راستىنلا خىتاي تەرەپ ھېس قىلغان بەلگىلىك بىر خەۋپ - خەتەر بارمۇ؟

جاۋاب: خىتاينىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى قۇربان كۆرسىتىپ شەرقى تۈركىستاندىكى قانلىق باستۇرۇشىغا چاپان يېپىش تىرىشچانلىقى بۇرۇندىن مەۋجۇت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقارادىكى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا قارشى باياناتلىرى؛ مەزكۇر تەشكىلاتلارغا قېتىلدى دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ تەشكىلاتلاردا بەلگىلىك مەرتىۋە ۋە كۈچكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاينى چۆچۈتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ دېمىسىمۇ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مۇقىملىق جەھەتتە چوڭ مەسلە چىقىۋاتقان خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە سىرتتىن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر زەربە ھەرىكىتى چوڭ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

سوئال: خىتاي - ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق سۆھبىتى بۇ نۆۋەت ئىككىنچى قېتىملىقى، ئۈچىنچى قېتىملىقىنىڭ مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ، سىزچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئېھتىياجى ۋە كۈتىۋاتقىنى نېمە؟

جاۋاب: ئامېرىكىنىڭ ئىراق، ئىراندىن تارتىپ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىگە قەدەر كۆپلىگەن خەلقئاراۋىي مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ھەرگىز خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلغان، جۆملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بىر مەيداندا تۇرغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسىمۇ بۇنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئىسپاتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.