ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن كورېيە زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى توغرىسىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك مۇنازىرىلەر بولماقتا.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «جاپان تىمېس گېزىتى» نىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كورېيە پرېزىدېنتى پارك ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 4-ئايدا ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك تىنچلىقپەرۋەر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن يۈكى خانىم ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھەققىدە توختىلىپ، باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئوبامانىڭ سۆزىگە ئانچە قۇلاق سېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، سەۋەبى يېقىندىلا توكيودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى كىنېدي خانىم بىر قانچە قېتىم ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ۋە شۇنداقلا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئابېنى دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئابېنىڭ بۇنىڭغا پەقەتلا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 20-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە توكيودا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا 7-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جوھن كېررىي بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە كورېيە تەرەپ شەخسەن ۋاشىنگتوندىن كورېيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى جىددىيلىشىۋاتقان ئارال مەسىلىسى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدىن قالغان بەزى تارىخىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە سەپىرى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ 18 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە «ياپونىيە ئەمەلدارلىرىمۇ باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ يېقىندا ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن ۋاشىنگتون بىلەن توكيو ئارىسىدىكى يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنى، كورېيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ياپونىيە دوستلۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتورئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياپونىيە پادىشاھى ئاكىھىتو خانىش مىچىكونىڭ ساھىبخانىلىقىدا خان ئوردىسىدا زىياپەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە «ئوبامانىڭ ياپونىيە سەپىرى باش ۋەزىر ئابې ئۆتكەن يىلى 26-دېكابىر ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بېكىتىلدى» دېيىلگەن.

شۇنداقلا يەنە خەۋەردە «ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار ئىبادەتخانىسىدىكى مۆتىۋەرلەر ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئۇرۇش ئازابىنى تارتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگە قارشىلىق بىلدۈردى» دەپ تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە «باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي، كورېيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئەمما شىنزو ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەتلا ئۇنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەنلىكى، بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي ۋە كورېيەلىكلەرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن قارشىلاشقانلىقى ئەمەس» دېيىلگەن.

خەۋەردە، ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىدە ئارمېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى بىر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا ئەركىن سودا قىلىشتا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.