ئاستانادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى 7-دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنى قويۇپ بېرىشىنى، تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە ئوچۇق-ئاشكارا مەلۇمات تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلغان. بىز بۈگۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قازاق ئايال ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ 13 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە يىغىندا مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى دېگەنلىكىنى ئېيتتى: «خىتاي ماڭا ۋىزا بەردى. ئەمما باراي دېسەم قورقۇۋاتىمەن. خىتايغا بارالمايۋاتىمەن. ئوغلۇمنى 13 يىللىق كېسىۋېتىپتۇ. قازاقىستاندا ئەرزگە بارمىغان جايىم قالمىدى. 13 يىل ئاسان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوغلۇمنىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ. ئۆلگەن بولسا ئۆلدى دېسۇن ياكى قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسۇن.»

يىغىن ھەققىدىكى تېلېفون سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، «ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى ئۇرازئۇلى قىدىرئالى ئەپەندى بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ قازاقلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى، قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن ياكى ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۈگۈن، يەنى 7-دېكابىر كۈنى ئاستانادا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق.»

ئۇرازئۇلى قىدىرئالى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى «ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» نامىدىكى بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى› بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسەت بىرىنچىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش. بىز بۇرۇن ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم پايتەخت ئاستانادا ئۆتكۈزدۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنى چاقىردۇق. ئىككىنچى مەقسىتىمىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت.»

ئۇرازئۇلى قىدىرئالى ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن مەخسۇس مۇشۇ ئىش بىلەن ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭغا بارىدۇ. بىز خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ بەردۇق، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنى ئېلىپ بېرىپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن سورىماقچى.»

ئۇرازئۇلى قىدىرئالى ئەپەندى خىتايغا يازغان تەلەپ خېتىدە خىتايدا بىگۇناھ تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنىمۇ تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتايغا 10 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بىر پارچە تەلەپ خېتى يازدۇق. بۇنىڭدا خىتايدا تۇتۇلغان كىشىلەرنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قورقۇتۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىشىنى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغدىشىغا يول قويۇشىنى، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشىنى، ساياھەت ئەركىنلىكنى بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

ئۇرازئۇلى قىدىرئالى ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا قازاقنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، بۇلاردىن قازاقىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار 200 قازاقنىڭ ماتېرىيالىنى توپلىيالىغانلىقىنى، باشقا قازاقلار توغرىسىدا مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قازاق ياشلاردىن تەركىب تاپقان «ئەركىن ياشلار گۇرۇپپىسى» يېقىندىن بۇيان ئالمۇتادا ئىككى قېتىم، ئاستانادا بىر قېتىم مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تېخى ئېنىق بىر جاۋاب ئالالمىغان.