ئاۋسترالىيەدە مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.11.06
husen-hesen.jpg پىداكار باغۋەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قەھرىمانى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى. 2014-يىلى ميۇنخېن.
RFA/Qutluq


بۈگۈن ئاۋستراليەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە پىداكار پائالىيەتچى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان زىيالىي مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرى، ئاۋستراليەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئاۋسترالىيەلىكلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر مەرھۇم ھۈسەن ھەسەننىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

بىز يىغىلىش ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى جۈرئەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.