ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق فېستىۋالى»غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2017.01.30

28-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىليات شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەل-سالام» (تىنچلىق فېستىۋال) غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.
مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەمممەت تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېستىۋالدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو ۋە كاۋاپ قاتارلىق تاماقلارنى تەييارلاپ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان.
فېستىۋالدا ئۆزگىچە تائاملىرى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئادىلايت شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى فرانكېس بېدفور خانىم سەممىي ھال سورىغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.
پائالىيەت ئادىليات شەھىرىدىكى بىر باغچىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت يەتتىگە قەدەر داۋام قىلغان.پائالىيەتكە تەخمىنەن ئون مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ۋە باشقا ئىشتىراكچىلار بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
نۆۋەتتە،دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.