خىتاي تەرەپدارى ئابلىمىت سادىق ئاۋسترالىيەدىكى چاغان كېچىلىكىنى تەشكىللەشتە رول ئالغانلىقىنى يوشۇرمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.18
kokbayraq-awtraliye-xitay-chaghan-paaliyitide.jpg ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقارغان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-فېۋرال، سېدنىي.
Social Media

ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاۋسترالىيەدە بايراق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن شىنجاڭ فېستىۋالىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە، ئاۋسترالىيەدىكى «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ، جۈملىدىن بۇ جەمئىيەتنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئابلىمىت سادىق دېگەن كىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز مەزكۇر شەخس ئابلىمىت سادىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتتە ئابلىمىت سادىق ئۆزىنىڭ «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى، ئەمما مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېقىندىن ماسلاشقانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەدە 5000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئابلىمىت سادىققا ئوخشاش خىتاي تەرەپدارلىرىنىڭ سانى 10 - 20 ئەتراپىدا. ئارتىس ئابلىمىتنىڭ بايانلىرى، چەتئەلدىكى خىتاي تەرەپدارى بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى قېتىم رادىيومىزدا ئۆز پىكرى ۋە مەيدانىنى ئاشكارا بايان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.