خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە كەلگەندە دۇدۇقلىدى

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تېما 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە كەلگەندە، دەسلەپتە بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزدەك بىر پوزىتسىيەنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئارقىدىن ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ AFP Photo

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تېما 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە كەلگەندە، دەسلەپتە بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزدەك بىر پوزىتسىيەنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئارقىدىن ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ شاۋگۈەن ۋەقەسىنى تۇغدۇرغانلارنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن، ئەكسىچە قانلىق باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشكە تىلى بارمىدى.

ئابلىمىت سادىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەت پروگراممىلىرىمىز ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئابدۇكېرىم، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئابلىمىت سادىقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەمدى ئېنىق تونۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org