ئىستانبۇلدا «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.04.06
Istanbul-barin-weqesini-xatirilesh-2018-01.JPG ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئاپرېل. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

«بارىن ۋەقەسى» يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇراسىمغا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 10 دىن ئارتۇق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىش، «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى سۆزلەپ، «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ھەرىكەتتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان «بارىن ئىنقىلابى» ۋە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مېھمانلار! ، بۈگۈن شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، قەھرىمانلىقلىرىنى، جاسارىتىنى ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىگە نەقىش قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بۇ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بۈگۈن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 28-يىللىق خاتىرە كۈنى. 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى رامزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى بۇ ئىنقىلاب قوزغالغان ئىدى. بۈگۈن بىز 300 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق شېھىتلىرىمىزنى ياد ئېتىپ بۇ يەرگە يىغىلدۇق.»
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «بارىن ئىنقىلابى» گەرچە ئۆز دەۋرىدە خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئازادلىق يولىدىكى كۈرەشلەرگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئاپرېل كۈنى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ نامىدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدىن رەسمىي رۇخسەت ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى كۈنى كەچتە ئىستانبۇل ۋالىيلىقى نامايىش تەستىقىنى بىكار قىلغان. بىراق ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 500 كىشىلىك يىغىن زالى ھەل قىلغان ۋە شۇ كۈنى نامايىش قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى يىغىن زالىغا دەۋەت قىلىپ، «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 

نامايىشنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇنىڭدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى، چۈنكى يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى، مەيۈسلەنمەيدىغانلىقىنى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. 

يىغىندا «بارىن ۋەقەسى» توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ رەئىسى دوكتور مۇھىددىن جانئۇيغۇر سۆز قىلىپ، «بارىن ۋەقەسى» توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. 

ئارقىدىن «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى» نىڭ رەئىسى، دوكتور ئۆمەر قۇل سۆز قىلىپ، شېھىتلارنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بىرلىك توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ناھايىتى ئىنچىكە بىر قىلنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى مەزگىللەردە ھەرقانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مىللىي داۋاغا خىزمەت قىلىشتىن بەكرەك مىللىي داۋاغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سەزگۈرلۈكنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلاردا تەشكىلاتلىرىمىز ۋە مەسئۇللىرىمىزمۇ ئۆز-ئارا داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ تۇرۇشىنى، ھەر زاماندىكىدىن تېخىمۇ ھوشيار، تېخىمۇ دىققەتلىك بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.» 

كېيىن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى سۆز قىلىپ، بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا توختالدى. 

سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى تارىخنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىنى بىلىش، ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بارىن ئىنقىلابى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابلاردىن بىرى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ شۇنداق ئىنقىلاب بىلەن باشلانغان. 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. 1949-يىلىدىن كېيىنمۇ ۋەتىنىمىزدە كۆپ قېتىم ئىنقىلاب ۋە قوزغىلاڭلار داۋام قىلىپ كەلدى. بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى، يەكەن ۋەقەسى قاتارلىق ھەرىكەتلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. . .» 
يىغىندا يەنە ئۆسمۈر بالىلار سەھنىگە چىقىپ، «ساددا دېھقان»، «ئۇلۇغ قەھرىمان»، «گۈزەل يۇرتۇم تۈركىستان»، «بايرىقىم» دېگەندەك ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. 

يىغىندا يەنە «ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراتسىيونى» نىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز سۆز قىلدى. ئارقىدىن «شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى» نىڭ پەخرى رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك، «ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، «ئىمان دىيارى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مەخمۇت داموللام، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور جالال ئەرباي قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، «بارىن ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.