8 - نۆۋەتلىك ب د ت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8 - نۆۋەتلىك ب د ت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا باشلانغان بولۇپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 100 دىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋە رەئىسىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرى بىلەن 20 - ئىيۇل كۈنى باشلانغان بولۇپ، 24 - ئىيۇل ئاخىرىلىشىدىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2007 - يىلى ب د ت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى»غا خىتاي تەرەپ 2008 - يىلى قول قويغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت دا يىللاردىن بۇيان «خىتايدا يەرلىك مىللەت مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن ھىلە - نەيرەڭلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن.
مەزكۇر يىغىننىڭ 22 - ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى» ناملىق 7 - بۆلۈمىدە 5 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھەققىگە ئېرىشكەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقدا ئىگىسى بولۇشىدەك پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ سۈيىقەستلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى چەكلەشتەك زوراۋانلىقلىرىنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئوخشاش مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، بەزى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلغان.
0:00 / 0:00