د ئۇ ق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» غا قارشى پىلانىنى «ئىجابىي يۈزلىنىش» دەپ باھالىدى
2018.05.09
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تۈگۈن قىلغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قۇرۇلۇش ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماي، بەلكى تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.
ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يولى» غا قارشى ئۆزىنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش پىلان ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇشتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەسى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، بۇ دوكلاتنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئەيىبلىگەن. گېرمانىيە «خەندېلسبلات گېزىتى» نىڭ 21-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاق باش ئەلچىلىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى تەنقىدلەپ، بۇ قۇرۇلۇش «پەقەت خىتاي كارخانىلىرىغا ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگىلا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن سودا ۋە ھوقۇق تەڭپۇشلىقىنى ئالغا سۈرۈش پرىنسىپلىرىغا خىلاپ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى پېتېر ئىرۋېڭ ئەپەندى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» غا قارشى ئالتىرناتىپ، يەنى تاللاش خاراكتېرلىك پىلانىنى «ئىجابىي يۈزلىنىش» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟، دېگەن بۇ رامكا ئىچىدە قاراش كېرەك. بۇ دەۋردە غەرب مۇتلەق ئىقتىسادى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق يېقىنقى 10-20 يىل ئىچىدە خىتاي باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، غەربكە ئىقتىسادىي، سودا جەھەتلەردە خىرىس قىلىشقا باشلىدى. مانا ئەمدى بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مونوپولىيەسىگە قارشى رىقابەتكە ئۆتۈشىنى بەلكى بىر ئىجابىي يۈزلىنىش، دەپ قارايمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن تەمىنلىشى، مەبلەغ سېلىشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىلىرىنىڭ 4-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ «ئەھۋالنىڭ تەڭپۇڭسىز ھوقۇق تەقسىماتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاينىڭ سۈيى‘ئىستېمال قىلىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» غا قارشى «ئۆزىنىڭ ئالتىرناتىپ، يەنى تاللاش خاراكتېرلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»، دېدى.
شيې مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى پەرق خىتايغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى، دەپ ئۇزۇن مەزگىل خىتاينىڭ ياۋروپاغا سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە كۆز يۇمۇپ، سىياسىي جۇغراپىيە ۋە گېئو-ئىستراتېگىيەگە سەل قارىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن، بولۇپمۇ ئۇ دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان، رۇسىيەدە مۇستەبىتلىك خاھىشى كۈچىيىپ، خىتاي ياۋرو-ئاسىيادا بىر مۇستەبىتلىك ئوق مەركىزى شەكىللەندۈرۈشتە ئۇرىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە غەرب ئويغىنىشقا باشلىدى. بىز بۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرىقىدەك بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىدا كۆرەلەيمىز.»
شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىقتىسادىي پايدا قوغلىشىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى بۇ دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتائىكەن. شيا مىڭ، يىپەك يولىدىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ جەھەتتىكى خىرىسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى، يەنى بېيجىڭ مودېلى ياكى بېيجىڭ ئورتاق تونۇشىنى توختىماي بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئىستىبداتلىق مودېلى ئارقىلىقمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن بۇ يەردىكى ئىستىبداتلىق تۈزۈلمىسى نوقۇل بىر تۈزۈلمە مەسىلىسى ئەمەس. بۇ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، كىشىلىك ئەركىنلىككە زەربە بېرىش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر دىنىي ئېتىقادى قويۇق مۇسۇلمان دۆلەتلەر. ئەگەر بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا قارىساق، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدەك رەھىمسىزلىك بىلەن زەرە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيمىز. شۇڭا، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا، ئۇنىڭ يۇمشاق كۈچى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا نۇرغۇن خىرىسلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋاكالەتچىسى پېتېر ئىرۋېڭ چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قارايدىغانلىقى، بۇنداق قۇرۇلۇشلارنىڭ دائىم ئۇيغۇرلارغا غايەت زور ئىزتىراپلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پېتېر ئېرۋىڭ: «نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارغا قارشى چىقىش سەۋىبىگە كەلسەك، ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسى ۋە بۇرۇن نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىغا قارايدۇ. ئۇلار 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى غەربىي-شىمالنى ئېچىش ھەرىكىتى، 2000-يىللاردىكى غەربكە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى، 2012 ۋە 2014-يىللىرىدىكى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنى كۆردى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادى سىياسىي جەھەتلەردە كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئۇلارغا نۇرغۇن ۋەدىلەر بېرىلدى. ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ئىزتىراپلارغا دۇچار قىلدى» دېدى.
ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىڭ «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇشتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەسى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا، خىتاينى ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا «ئىككى تەرەپلىمىلىك قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە خامچوت مۇقىملىقى مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن «بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىقىغا ئايلىنىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
يېقىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كرىستىن لاگاردې «يىپەك يولى» بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بەرگەن قەرز پۇلنى قايتۇرۇش كۈچى چەكلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.