ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ مۇلاھىزە قىلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ۋەقەلەردىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرىشىمۇ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇردى.

نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە كۆپلەپ مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا بىردەك ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارغا باھا بېرىلمەكتە.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ مۇلاھىزىلەرنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى تونۇلغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر كەڭ خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ دەردىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك خەلقئارا تېررور گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېررور ھەرىكىتىمۇ ياكى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىمۇ دېگەن مەسىلىدە كۆپ مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەلەرنى خەلقئارا تېررور گۇرۇپپىلىرىغا ۋە ھەتتا سۈرىيىدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن كىشىلەرگە باغلاپ چۈشەندۈردى. ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئانچە بازار تاپالمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربى - ئېتنىك سۈركىلىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىبرەتلىك ھىكايىسى»ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىگە مۇنداق باھا بېرىلگەن :

... ۋەقەنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ھەرگىزمۇ خەلقئارالىق جىھادچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھەرىكەتلەر دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى تېررورمۇ ئەمەس، بۆلگۈنچىلىكمۇ ئەمەس ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىمۇ ئەمەس. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەكسىچە بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ تەرەققىيات سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا تېخىمۇ بەك چەتكە قېقىلىشىغا، چوڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرى سەۋەبىدىن يەرلىرىدىن ئايرىلىشىغا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇيغۇرلار بۇندىن سىرت يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلىياتسيە قىلىش سىياسىتىگە دۇچ كەلدى.

مۇلاھىزىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان، ئەمما بۇنداق قاراش مەسىلىگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىك بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيلىك رايون بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتۇشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىغا ئوخشاش مۇھىم ئىقتىسادىي جان تومۇرلىرى مۇشۇ رايوندا بولغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسانلىقچە بۇ رايوننى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇشنى ئۆزگەرتمەيدىكەن.

مەزكۇر مۇلاھىزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە پاكىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە بۇ رايونلاردىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە مەلۇماتلار بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەم شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا قوشنا ئەللەرگە تۇتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ۋە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمايدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىنمۇ بەك كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىۋالىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا خىتايدا ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشنا ئەللىرىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن يەنە، خىتايدا بىر قەدەر تەرەپسىزلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم تاقىۋېتىلىش خەۋپىگە ئۇچرىغان «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دىمۇ يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر گېزىت «كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىدە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە يەر بەرگەن. مەزكۇر گېزىت تۈنۈگۈن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئەركىن روزا تۇتقۇزماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى لۇ فۇيۇڭنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ماقالىدە بۇ ھەقتە «باياناتچى لۇ فۇيۇڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا رامزان مەزگىلىدە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئەمما قانداقتۇ ئۇ يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە بالىلارنى روزى تۇتماسلىققا ئۈندەۋەتقانلىقىنى، لېكىن بۇنى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمىدى» دەپ يېزىلغان. جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى بۇ ھەقتە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور رىزا خاسماسنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي بېسىملىرىغا قارشى كۈرەش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئارا زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، خالاس، دېگەن. سىنگاپوردىكى خەلقئارا تېررور ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رونان گۇناراتنا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ياخشى تەڭشىشىنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇنداق بولمايدىكەن، ھۆكۈمەتكە كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئالدى بىلەن ئېتنىك ئاز سانلىقلاردىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىت يەنە، ئاۋسترالىيىدىكى سېدني ئۇنىۋرسىتېتىنىڭ خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى كېررىي بروۋننىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، كېررىي بروۋن سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەلەرگە قايتۇرغان بىردىن - بىر ئىنكاسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئەسكەرتىپ «ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان يولى تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق پەيدا قىلىدىغان يامان سۈپەتلىك بىر ئايلىنىش. بۇ ھۆكۈمەت ناھايىتىمۇ گۇمانخور. ئەمەلىيەتتە بۇ چەتئەل بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى بولمىغان بىر مەسىلە» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ رايونغا ۋە پۈتۈن دۆلەتكە يېيىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاي بىر كۈنى بىر يەردىن پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئېلى بولسا دەل بىر ئالدىنقى سەپ، ئۇ خۇددى چىقىش ئالدىدا تۇرغان بورانغا ئوخشايدۇ» دېگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدىكى ماقالىلەردىن سىرت يەنە، تاشقى سىياسىەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، ئەل - جەزىرە قانىلى تور بەتلىرىدىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ مۇلاھىزىلەردىمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىندى.