دولقۇن ئەيسا: 2015 - يىلى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن نەتىجىلىك بىر يىل بولدى

0:00 / 0:00


دۇنيا 2016 - يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى تەبرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆتكەن يىلغا بىر نەزەر تاشلاپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىش مەقسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي مۇستەقىللىق، دېموكراتىيە ۋە ئالاقىدار ساھەلەر ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، 2015 - يىلىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن نەتىجىلىك بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋەتەنداشلىرىغا سالام يوللىدى.