ئىستانبۇلدا «دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00


11 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئالىي دەرىجىلىك تىببىي دورا تەتقىقات مۇتەخەسىسىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى تىببىي بىلىملىرى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «دورا تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىگە نەزەر» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

يىغىنغا تىببىي بىلىملىرى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200 يېقىن كىشى قاتناشتى.

لېكسىيە ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، تۈرك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دوكلاتتىن كېيىن نەق مەيداندا ھەرخىل سوئاللارنى سورىدى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئۈنىۋېرسىتېتنىڭ شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئوقۇش، ساغلام ھايات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەردى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىلىق قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، شارائىت يار بەرسە، تىببىي بىلىملىرى ئۈنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى تىبابەت» تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش پىلانىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىغىندا سۆز قىلغان ئالىي دەرىجىلىك تىببىي دورا تەتقىقات مۇتەخەسىسىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.