دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دوكلات سۇندى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ 22 - نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن د ئۇ ق نىڭ پۈتۈكچىسى Micheal Phillips بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ھەقلىرى كومىتېتى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى يۈرۈش دوكلاتنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان.

دوكلاتنىڭ بىرى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، دوكلاتنى دوكتور Maria Herczog خانىمغا تاپشۇرغان. يەنە بىرى بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى پۈتۈكچىسى Heiner Bielefeltd ئەپەندىگە تاپشۇرۇلغان.

دولقۇن ئەيسا بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن سوھبەتنى ئاڭلايسىلەر.