ئۇيغۇرلار گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆھبەتتە بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.04.08
dolqun-eysa-germaniye-namayish-305.jpg خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 1-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem


8 - ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندىلەر گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بەربېل كوفلېرنىڭ تەكلىپى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن سىرت تىبەت تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بېرلىندىن بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بەربېل كوفلېر خانىمنىڭ ئۇلارنى بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە چاقىرىشتىكى مەقسىتى، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئاي خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەمدە خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بېرىش ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك ئەپەندى خىتايدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، 60 كىشىلىك بۇ زىيارەتچىلەر ئۆمىكى تەركىبىدە گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا يېڭىدىن مەسئۇللۇققا تەيىنلەنگەن بەربېل كوفلېرمۇ بولغان. زىيارەت ئەسناسىدا، پرېزىدېنت گائۇك ئەپەندى شاڭخەيدىكى گېرمانىيە كونسۇلخانىسىدا بىر قىسىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بەربېل كوفلېر خانىممۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئىنسان ھەقلىرىگە ئائىت سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر مەسىلىسىنى سۆز تېمىسى قىلغان. بۈگۈنكى بېرلىندىكى ئۇچرىشىش، ئەنە شۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش بولغان.

مەلۇمكى، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ ئۆتكەن ئاي ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقارغان. گائۇك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا، ئۇنىڭ خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتايدىكى خرىستىئانلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى گېرمانىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىپ كەلگەن. 19 - مارت د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ئاخبارات ساھەسىگە سۆز قىلىپ، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ باياناتى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كونكرېتنى مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەندىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان ماشىنا زاۋۇتلىرىغا ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان گېرمانىيە سانائەت رايونى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇھىم تېما بولغان.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم تېمىلارنى سەمىمىزگە سالدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئەمەس. ئۆتكەن يىلى 9 - دېكابىر كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق مەسئۇلى شىتراسېر ئەپەندى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە قۇرۇلتاي نەشرىيات - تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىرلەشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.