دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا يىغىن ئېچىلدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق نىڭ ئىستانبۇلدا ئاچقان يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-مارت
د ئۇ ق نىڭ ئىستانبۇلدا ئاچقان يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-مارت
RFA/Arslan

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 25-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا يىشىن ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسىي شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى، تۈرك تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىندا سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىچكى ئىشلار كومتېتىنىڭ رەئىسى ھامىدخان گۆكتۈرك رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ئارىلىقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا سۆز قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيىگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددى ھەق-ھوقۇقلىرىمۇ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندا ئۆز ۋەتەندىلىرىدە ئىنساندەك ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى يا ئۆلتۈرىلىدۇ، ياكى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ياكى "يېپىق تەربىيلەش مەركىزى" نامدىكى جازا لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى بولغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش مەسىلىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا يېزىلغان ئاپتونۇمىيە قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدىگەن كىشىمۇ بۆلگۈنچلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە پۈتۈن دۇنيا بۇ ئەھۋالغا سۈكۈتتە تۇردى.»
رۇمئېلى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رېكتورى، پروفېسسۇر سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك سېنارىيە يېزىش، فىلىم ئىشلەش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن تەتقىقاتچى، مۇخبىر، رېژىسسۇر، سىياسەتچى  مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلدى.  ئۇ، « شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئونلارچە ماقالە يازغاندىن بىر دانە فىلىم ئىشلەپ تارقىتىلسا نەچچە مىليون ئىنساننىڭ دىققىتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ»، دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى مەمەتئىمىن ھەزرەت، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقرىق قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى پروفېسسۇر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيىنىڭ ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھۆرمەتلىك مېھمانلار! مەن 1963-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇ زاماندا كادىكۆيدىكى ھۆسەيىن نىھال ئاتسىز ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان "تۈركچىلەر، تۇرانچىلار جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتىمدا تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلاردا بۇ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تۈركلىرى كېرەكلىك مۇجادىلىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دەستەك بېرىشى كېرەك.»
سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « 1933-يىللاردا ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 50 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۈركىيىدە ھەربىي تەلىم-تەربىيەگە قاتناشتۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، بىراق ئۇلاردىن ئاران 2 كىشىنىڭلا ساق قېلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1952-يىللاردا تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا دۆلەت قۇچاق ئېچىپ، بىر قىسمىنى مانىسا، سالىھلىغا، يەنەبىر قىسمىنى قەيسىرى ۋە ئىستانبۇلغا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى كېيىنكى يىللاردا مەيلى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن، مەيلى تۈرك سىياسەتلىرىدە،  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ۋە ئۇنىۋېرىستېتلىرىمىزدا بولسۇن، داۋاملىق بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.»
سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىنىستىر بولغان دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمىتى توغرىسىدا توختلىپ مۇنداق دېدى: «1992-يىلىدىن باشلاپ، تۈرك دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى، "تۈرك قېرىنداشلىرى، دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى" دېگەن نام بىلەن 11 قېتىم چوڭ قۇرۇلتاي ئاچتۇق. رەھمەتلىك ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ بەلگىلىمىسى بىلەن بىزنىڭ قۇرۇلتاي تۈزىمىمىزدە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن، ئەمما ئوخشىمىغان دۆلەتلەر تەۋەسىدە ياشاۋاتقان، قەدىمى تۈرك يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرگە شۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلىگەن ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ  دۆلەتلەر بىلەن دوستلىقىمىزنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدۇق. ئۇلارنى بىز ئۇ دۆلەتلەرگە قارشى قوللىنىدىغان بىر كۇزۇر قىلمىدۇق.  خىيانەت قىلىنىدىغان بىر خەلق دەپ قارىمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنمۇ ئوخشاش چۈشەنچە بىلەن قارايمىز.»
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم،  قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئىچكىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۆمەر قانات ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە مۇھىم شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا يېغىنى ئېچىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 25-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا يىشىن ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسىي شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى، تۈرك تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىندا سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىچكى ئىشلار كومتېتىنىڭ رەئىسى ھامىدخان گۆكتۈرك رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ئارىلىقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا سۆز قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيىگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددى ھەق-ھوقۇقلىرىمۇ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندا ئۆز ۋەتەندىلىرىدە ئىنساندەك ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى يا ئۆلتۈرىلىدۇ، ياكى تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ياكى "يېپىق تەربىيلەش مەركىزى" نامدىكى جازا لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى بولغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش مەسىلىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا يېزىلغان ئاپتونۇمىيە قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدىگەن كىشىمۇ بۆلگۈنچلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە پۈتۈن دۇنيا بۇ ئەھۋالغا سۈكۈتتە تۇردى.» رۇمئېلى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رېكتورى، پروفېسسۇر سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك سېنارىيە يېزىش، فىلىم ئىشلەش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن تەتقىقاتچى، مۇخبىر، رېژىسسۇر، سىياسەتچى  مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلدى.  ئۇ، « شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئونلارچە ماقالە يازغاندىن بىر دانە فىلىم ئىشلەپ تارقىتىلسا نەچچە مىليون ئىنساننىڭ دىققىتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ»، دېدى. يىغىندا سۆز قىلغان تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى مەمەتئىمىن ھەزرەت، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقرىق قىلدى. يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى پروفېسسۇر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيىنىڭ ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھۆرمەتلىك مېھمانلار! مەن 1963-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇ زاماندا كادىكۆيدىكى ھۆسەيىن نىھال ئاتسىز ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان "تۈركچىلەر، تۇرانچىلار جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتىمدا تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلاردا بۇ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تۈركلىرى كېرەكلىك مۇجادىلىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دەستەك بېرىشى كېرەك.»
سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « 1933-يىللاردا ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 50 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۈركىيىدە ھەربىي تەلىم-تەربىيەگە قاتناشتۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، بىراق ئۇلاردىن ئاران 2 كىشىنىڭلا ساق قېلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1952-يىللاردا تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا دۆلەت قۇچاق ئېچىپ، بىر قىسمىنى مانىسا، سالىھلىغا، يەنەبىر قىسمىنى قەيسىرى ۋە ئىستانبۇلغا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى كېيىنكى يىللاردا مەيلى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن، مەيلى تۈرك سىياسەتلىرىدە،  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ۋە ئۇنىۋېرىستېتلىرىمىزدا بولسۇن، داۋاملىق بەس-مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.» سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىنىستىر بولغان دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمىتى توغرىسىدا توختلىپ مۇنداق دېدى: «1992-يىلىدىن باشلاپ، تۈرك دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى، "تۈرك قېرىنداشلىرى، دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى" دېگەن نام بىلەن 11 قېتىم چوڭ قۇرۇلتاي ئاچتۇق. رەھمەتلىك ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ بەلگىلىمىسى بىلەن بىزنىڭ قۇرۇلتاي تۈزىمىمىزدە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن، ئەمما ئوخشىمىغان دۆلەتلەر تەۋەسىدە ياشاۋاتقان، قەدىمى تۈرك يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرگە شۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلىگەن ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ  دۆلەتلەر بىلەن دوستلىقىمىزنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدۇق. ئۇلارنى بىز ئۇ دۆلەتلەرگە قارشى قوللىنىدىغان بىر كۇزۇر قىلمىدۇق.  خىيانەت قىلىنىدىغان بىر خەلق دەپ قارىمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنمۇ ئوخشاش چۈشەنچە بىلەن قارايمىز.» بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم،  قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئىچكىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۆمەر قانات ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە مۇھىم شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت