ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.02.03
theresa-may-2018-china.jpg ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مېي خىتاي زىيارىتىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا. 2018-يىلى 31-يانۋار. بېيجىڭ
AFP

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلگەن مەزكۇر سۈرەتلىك خەۋەر ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا ماي خانىم بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 2-فېۋرال ئەتىگەندە ئېلان قىلىندى. 

سۈرەتلىك خەۋەرگە «خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتى شىنجاڭ: تەشۋىش ۋە نەپرەت» دەپ تېما قويۇلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر شەھەردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى باسماقداپ كېلىپ، ب ب س مۇخبىرلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ ئۇلارنى سوراق قىلىشقا باشلىغان. 

خەۋەرنىڭ بۇ قىسمىغا: «مانا بۇ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان باش ۋەزىر كۆرەلمەيدىغان ھادىسىلەر» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

خەۋەردىكى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ شەھەرنىڭ كوچا-كويلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساقچى ۋە ساقچى ماشىنىلىرى قاپلىغان بولۇپ، ساقچى ماشىنىلىرى گۈدۈكلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويۇۋېتىپ كوچىلاردىن غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىدىكەن. 

خەۋەرنىڭ بۇ قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يەردە ساقچىنىڭ كۈچى بارغانچە زورىيىۋاتقان بولۇپ، ھەممە يەرگە كەڭ تارالغان ئىدى.»

خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان ئادەمنىڭ DNA ئۆرنەكلىرى يىغىلغانلىقى، يانفونلىرىنىڭ ھەر دائىم تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر بۇ يەردە مىڭلىغان ئۇيغۇر ھېچقانداق سوت ھۆكۈمىسىز قامالغان سىرلىق تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلار تورى ھاسىل قىلىنغان ئىدى.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ب ب س خەۋەر گۇرۇپپىسى بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىگە يېقىنلاشماقچى بولغاندا توسۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەرنى فىلىمگە ئېلىشى چەكلەنگەن. 

ب ب س مۇخبىرى ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقى ئاستىدا يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بۇ يەردە خىتاي پۈتۈنلەي بىر تەقىب ئاستىدىكى رايون بەرپا قىلىۋېتىپتۇ. بۇ يەردە ھەرقانداق شەكىلدە خاتا دەپ قارالغان ئىشلار، ياكى گەپلەرنى قىلىش ۋە ھەتتا شۇنداق ئويلاردا بولۇشمۇ بىر ئادەمنى يېپىق لاگېرلارغا مەھكۇم قىلالايدۇ.»

خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا، توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى، مەيلى نەگىلا بارمىسۇن ئۇلارنىڭ كەينىگە پايلاقچىلارنىڭ كىرىۋالغانلىقى سۈرەتلىك بايان قىلىنغان. 

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا ماي 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى 31-يانۋار رەسمىي باشلىغان.

ئۇنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا ماينىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ئالمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما ب ب س غا يازما بايانات بەرگەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى: «بىز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار يولۇقۇۋاتقان مۇئامىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.