ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دولقۇن ئەيسانىڭ مۇكاپاتلانغانلىقىنى قۇتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.04.12
germaniye-erkin-aliptekin-dolqun-eysa.jpg ئەركىن ئەيسا ئەپەندى ميۇنخېن شەھىرىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، دولقۇن ئەيسانى كۈتۈۋالدى
RFA/Ekrem


بۇ يىل 30 - مارت د ئۇ ق ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپىسى» نىڭ «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پېشقەدەم سىياسىيون ئەركىن ئەيسا ئەپەندى ميۇنخېن شەھىرىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، دولقۇن ئەيسانى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ مۇكاپات ئالغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

10 - ئاپرېل كۈنى ميۇنخېندىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» ئايرىمخانىسىدا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش سورۇنىغا ميۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپى ئەھلى ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى ھەمدە بىر قىسىم چەت دۆلەت ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

سورۇندا ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بەس - بەستە تەبرىكلەشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ھاياجان بىلەن ئىپادە قىلىشتى. سورۇن باشتىن - ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.

مېھمانلار ھۇزۇرىغا ئۇيغۇرچە تائاملار تارتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن سورۇن ساھىبى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن دولقۇن ئەيسانى يەنە بىر قېتىم قۇتلىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، دولقۇن ئەيسا ئېرىشكەن بۇ مۇكاپاتنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئاۋسترالىيەدىن كېلىپ مېھمان سۈپىتىدە بۇ سورۇنغا قاتناشقان بىر خانىممۇ، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن بايان قىلدى.

ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى، چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆتمۈشنى يادىغا ئېلىپ، دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە سەپدىشى ئېرىشكەن بۇ مۇكاپاتنى قىزغىن قۇتلىدى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىممۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

دولقۇن ئەيسا شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سورۇن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلىنىپ، كەچ سائەت يەتتىگىچە داۋام قىلدى. سورۇن ئەھلى قىزغىن كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن خۇشاللىقلىرىنى ئۆز - ئارا ئورتاقلاشتى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئارىدا سۆز ئېلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىليار ئەپەندىمۇ زىياپەت ئەسناسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىممۇ دولقۇن ئەيسا ئېرىشكەن بۇ مۇكاپاتقا بولغان باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە بۇ شەرەپنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.