تۈركىيە ئاسيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئويۇشتۇرغان 3 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مۇنبىرىگە 60 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن ئۈنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، ژۇرنالىستلار، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەرباپلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا.
شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىنمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا ئاپتونوم رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
ئەركىن ئالپتېكىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرروررچى دەپ ئەيىبلەش ھۇقۇقى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار بولسا قوزغىلىپ ئۆلۈش ياكى ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ تۈگەش يولىدىن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، " يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل " دەپ ئېتىپ ئۆلۈشنى تاللاۋاتىدۇ. خىتاي بولسا بۇ ئۇيغۇرلارغا تېررورچى دەپ قالپاق كېيدۈرۈۋاتىدۇ. سىلەر قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر خىتاي دۆلىتىگە ئوخشاش بۇلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىمەڭلار. ئۇيغۇرلارنى تېرروررچى دېيىش ھوقۇقىڭلار يوق.»
يىغىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ساياھەت مەسىلىسى بىلەن ئەزەربەيجان - ئەرمەنىيە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ سىرتىدا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
0:00 / 0:00