ئەركىن ئالپتېكىن كەشمىردە ئۇيغۇرلار بىلەن، ھىندىستاندا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00


ئالدىنقى ھەپتىلەر كەشمىر ۋە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى كەشمىرگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىپتار سورۇنىدا مۇڭداشقان ھەمدە ھىندىستانغا بېرىپ، دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئوغلى پارسنىڭ ھىندىستان پارلامېنتى تەتقىقات بۆلۈمىدە ئېلىپ بارىدىغان ئالتە ھەپتىلىك پراكتىكىسى سەۋەبلىك كەشمىر ۋە ھىندىستان زىيارىتىگە نائىل بولغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كەشمىر زىيارىتىنىڭ پايدىسى، 1949 - يىلىدىن كېيىن بۇ تۇپراققا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن دىدارلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئارزۇ - تىلەكلىرىنى ئاڭلاش بولغان. مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىلگىرى - كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالارغا ئەگىشىپ ھىجرەت قىلغانىدى. بۇلارنىڭ بىر بۆلۈكى كەشمىرگە، بىر بۆلىكى ئافغانىستانغا، يەنە بىر بۆلىكى ھىندىستانغا يەرلەشكەن. ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بالىلىق دەۋرى 5 يىل كەشمىردە ۋە 5 يىل ھىندىستاندا ئۆتكەن. شۇ زامانلاردا كەشمىرگە ئورۇنلىشىپ قالغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى كەشمىر زىيارىتىدە قەدىناس دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن 20 - 30 چە كىشى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بىر ئىپتارلىق سورۇنىدا ئۇزۇن مۇڭداشقان. كەشمىردە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. كەشمىردە يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ ھايات كۆچۈرگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنۇتمىغان. كەشمىرلىك ئۇيغۇرلار سۆھبەت ئەسناسىدا ئانا تىلىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەركىن ئالىپتېكىندىن ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلغان.

ھىندىستان زىيارىتى مەزگىلىدە ئەركىن ئالىپېكىن ئەپەندى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلەشكەن. دالاي لامانىڭ تەكلىپى بىلەن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىكى ياشلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تىبەت ياشلىرىغا ئۇيغۇر - تىبەت ئارىسىدا ئۇزۇن تارىختا خىتايغا قارشى بىرلىكلەر قۇرۇلغانلىقىنى، مىلادى 751 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا بىرلىكتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىپ، خىتاينى مەركىزى ئاسىيا ئەللىرىگە مىڭ يىلغىچە قەدەم باسالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلاتقان.