فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى يىللىق پائالىيىتىدە ئۇرسىلا گوتىيىر سۆھبەت تېمىسى

0:00 / 0:00

1 - يانۋار فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى رېئىمىس شەھىرىدە جەم بولۇپ2016 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 31 - دېكابىر خىتايدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن فىرانسۇز مۇخبىرى ئۇرسىلا گوتىيىر مەزكۇر پائالىيەتتىكى مۇھىم سۆز تېمىسى بولغان. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئۇرسىلا خانىمنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشقان ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا پىلانلارنى تۈزۈشكەن.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە 2015 - يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن ۋە 2016 - يىللىق پائالىيەت پىلانلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى پائالىيەتتە يەنە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ بەزى بىر سۆھبەتلەر بولغان.

پائالىيەتكە سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دېنىس ئەپەندىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېنىس بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى دوستلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنى قوللاش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىش يۈزىسىدىن يېقىندا ئۇرسۇلا خانىم بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

فىرانسىيەنىڭ رېئىمىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئويغان بۈگۈنكى پائالىيەتكە بولغان ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، يەنە بۈگۈنكى پائالىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى سېلىشتۇرغان ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىمۇ پىكىرلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇتەللىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ھەممە بىردەك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ مۇخبىرلىق ئەخلاقىنى ساقلاش يولىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قىلچە قورقماسلىقتەك باتۇرلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، يەنە مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى ئارقىلىق فىرانسىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قايتا تونۇغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئىقتىسادشۇناس، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دېنىس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان يېڭى يىللىق يۈرەك سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«غەيرەت قىلىنىڭلار ئۇيغۇرلار، بىز فىرانسىيە خەلقى سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.