مەمتىمىن ئەلا: «سەنئەتكە ئەمەس، سىياسىي تەشۋىقاتقا؛ سەنئەتچىلەرگە ئەمەس، خىتاي ۋە قولچوماقلىرىغا قارشى تۇردۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.12
kokbayraq-awtraliye-xitay-chaghan-paaliyitide.jpg ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقارغان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-فېۋرال، سېدنىي.
Social Media


سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى لەپىلدىتىپ خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» نى بەربات قىلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى، مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، بۇ بايراق چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىنىش جەريانى، بايراق چىقىرىشنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى ئۈستىدە توختالدى.

بۇلار يەنە خىتاينىڭ بۇ چاغان كېچىسىدىكى شىنجاڭ فېستىۋالىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا شىنجاڭى ئەمەس»، «شىنجاڭدا ھەممە مىللەت باپباراۋەر ۋە بەختلىك» دېگەن تەشۋىقاتىنى بازارغا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سەنئەتكە ئەمەس، سىياسىي تەشۋىقاتقا؛ سەنئەتچىلەرگە ئەمەس، خىتاي ۋە ئۇنىڭ يان باسقۇچىلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بايراق چىقىرىش ھەرىكىتى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى جۈرئەت ئابدۇكېرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە:

مۇخبىر: شۇ كۈنى تىياتىرخانىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» نىڭ 4 - كۈنى چاغان كېچىلىكى؟ شۇنداقمۇ؟

مەمتىمىن ئەلا: شۇنداق. فېستىۋالنىڭ مەقسىتى دۇنيادا خىتاينىڭ يۇمشاق ئوبرازىنى يارىتىش، شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇش.

مۇخبىر: بۇ فېستىۋالنىڭ 4 - قىسىم پائالىيىتىنىڭ چاغان كېچىلىكىنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنكاسىڭلار، يەنى تۇنجى ئىشىڭلار نېمە بولدى؟

جۈرئەت ئابدۇكېرىم: بۇ ئىشتىن 5 - فېۋرالنى خاتىرىلەش نامايىشىغا كېتىۋېتىپ خەۋەر تاپتۇق ۋە بۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال يىغىن ئاچتۇق. يىغىندا 3 تۈرلۈك تەدبىر ھەققىدە پىكىر چۈشتى: بىرىنچىسى، ئەلچىخانىنىڭ بۇ ئىشىغا ماسلىشىۋاتقان «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئابلىمىت سادىق، پالا (ئۇيغۇرچە ئىسمى پەرھات، ئايالى خىتاي) لار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش. ئىككىنچىسى، 8 - فېۋرال كۈنى كەچتە تىياتىرخانا ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش. ئۈچىنچىسى، 10 كىشى تىياتىرخانىغا بايراق ئېلىپ كېرىپ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە بايراق چىقىرىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش. ئويلىدۇقكى، ئابلىمىتلارغا نەسىھەت قىلساق، گېپىمىزگە ھە، دەپ قويۇپ ئۆز بىلگىنىنى قىلىشى مۇمكىن، پۇرسەتنى قاچۇرىمىز، نامايىشقا رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭغا ۋاقىت قىس، شۇڭا ئۈچىنچى پىلاننى قارارلاشتۇردۇق.

مۇخبىر: بېلەتنى كىمدىن، قانداق ئالدىڭلار؟

جۈرئەت ئابدۇكېرىم: ئۇلار بىزنىڭ كىرىشىمىزدىن خەۋەر تېپىپ، بېلەتنى قاتتىق كونترول قىلىۋاپتۇ، بىر قىسىم بېلەتلەرنى يىغىۋاپتۇ، شۇڭا 4 بېلەتنى ئاران تاپتۇق، تاپقاندىمۇ ئويۇن باشلىنىشىغا 2 سائەت قالغاندا. شۇڭا 4 بايراق بىلەن 4 كىشى باردۇق.

مۇخبىر: بايراق چىقىرىشنى، نېمە ئۈچۈن كېچىلىك باشلانغاندىلا قىلماستىن، يەنى كېچىلىكنى باشتىلا توختاتماستىن، يېرىمىدا قىلدىڭلار؟

مەمتىمىن ئەلا: سەھنىدە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر بار ۋاقتىدا ئەمەس، خىتاي رىياسەتچى بار ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق، سەنئەتچىلەرنى ئوڭايسىز ھالدا قويماسلىق ئۈچۈن، يەنە بىر جەھەتتىن ئىككىمىزنىڭ ئىچىگە كىرەلمەسلىكىمىزمۇ كېچىكىشكە سەۋەب بولدى.

مۇخبىر: شۇ پاتىپاراقچىلىقنى كۆرگەن چېغىڭلاردا، سىلەر قانداق تۇيغۇدا بولدۇڭلار؟ جىددىيلىشىش بولدىمۇ؟

مەمتىمىن ئەلا: ساختا تەشۋىقاتنى توختىتالىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر تەرەپتىن سۆيۈندۇق؛ يەنە بىر تەرەپ سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ قەپەسكە سولانغان بۇلبۇلدەك قىسمىتى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان كېچىلىكىدە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قوللىنىلىشى غۇرۇرىمىزغا تەگكەچكە غەزىپىمىزمۇ بېسىقمىغان ھالەتتە ئىدى.

مۇخبىر: بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا سىلەرگە نىسبەتەن تەس توختىغان نۇقتا قايسى؟

مەمتىمىن ئەلا: بۇ ئىش قارىماققا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرغاندەك كۆرۈنۈشتە، شۇڭا بەزىلەر «بۇنىڭغا نېمىشقا قارشى تۇرىسىلەر؟» دېيىشى مۇمكىن، ئەمما يول خاتا، بۇ يەردە سەنئەتنى ساختا سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىش بار، سەنئەتچىلەرنى ۋە ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى ھاقارەت قىلىش بار. بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشكە، كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا توغرا كەلدى.

مۇخبىر: دېمەك، بۇنداق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇشنى مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلات ياكى مۇستەقىل سەنئەت ئۆمەكلىرى ئېلىپ بارسا مەيلى دەيسىز؟

مەمتىمىن ئەلا: دەل شۇنداق. شۇنىمۇ ئەسكەرتىمىز، بىزنىڭ سەنئەتچىلىرىمىزگە بىر نارازىلىقىمىز يوق، ئۇلار مەجبۇرلانغان، ئۇلارنىڭ يۈزىدىن، كۆزلىرىدىن بىر چارىسىزلىقنىڭ، مەيۈسلۈكنىڭ ئالامىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇپمۇ بولالمايدۇ.

مۇخبىر: بايراق چىقىرىش ھەرىكىتىڭلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى قانداق تەرىپلەيسىز؟

مەمتىمىن ئەلا: ئەگەر توختاتمىغان بولساق، تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بىلمەيدىغانلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قالاتتى، ئەلچىخانا ۋە «شىنجاڭلىقلار جەمئىيىتى» تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ بۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ھەرىكەتلەرگە ئاتلىناتتى، بىز بۇ ئىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئازراق ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويدۇق. بۇندىن كېيىن، ئەگەر مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى يەنە تەكرارلىسا، تەجرىبىمىزگە ئاساسەن، بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق قارشى تۇرىمىز، ھەرگىز ساختا تەشۋىقاتقا يول قويمايمىز.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەمتىمىن ئەلا سۆھبىتىمىزدىن كېيىن يەنە ئېلخەت يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەنئەتكە ئەمەس، سەنئەتنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا؛ سەنئەتچىلەرگە ئەمەس، خىتاي ۋە ئۇنىڭ يان باسقۇچىلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.