G7 يىغىنى ۋە باۋارىيىدىكى دېموكراتىيە تەلەپ ھەرىكىتى
2015.06.08
7-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدە رەسمىي باشلانغان سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت يىغىنى، يەنى G7 يىغىنى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئانالىزچىلار دېموكراتىك گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ ھالدا خەلقنىڭ نامايىش ئەركىنلىكىنى زور دەرىجىدە چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىشتى. ئەمما خەلق دېموكراتىيىنىڭ ئاۋازىنى G7 رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈش يولىدىكى كۈرەشتىن ۋاز كەچمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلارنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى دېموكراتىك ھوقۇقلارنى كۈچەيتىش ۋە نامراتلىققا، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
G7 گە ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، 1998-يىلى رۇسىيەنى قوشۇۋالغاندىن باشلاپ گ8 دەپ ئاتالغان ئىدى. 2014-يىلىدىكى قىرىم كرىزىسى تۈپەيلى رۇسىيە چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن G7 دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىم نازارەتچى سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا ب د ت باش كاتىپى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بەزى رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى 7-ئىيۇن كۈنى گۈزەل ساياھەت مەركىزى بولغان ئەلمائۇ قەسرىدە بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھەققىدىكى مۇزاكىرىسىنى باشلىدى.
گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان G7 يىغىنى گەرچە 7-ئىيۇن باشلانغان بولسىمۇ، بۇ يىغىنغا قارشى 10 مىڭلارچە كىشىنىڭ كۈرەشلىرى 4-ئىيۇنلا باشلىنىپ بولغان ئىدى. 4-ئىيۇن كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە 40 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلارنىڭ شوئارلىرى «يەرشارىلىشىشقا قارشى تۇرايلى، نامراتلىققا قارشى تۇرايلى، مۇھىتنى قۇتقۇزايلى»دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇندىن باشقا، نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىستەكلىرىنى، يەرلىك شوئارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ خىلدىكى نامايىشلار 4-ئىيۇندىن ئېتىبارەن يەنە گېرمانىيەنىڭ بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك داۋاملاشماقتا ئىدى.
ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان G7 يىغىنى ميۇنخېن شەھىرىدىن 100 كم يىراقلىقتىكى گارمىش-پارتەنكىرچەن رايونىغا جايلاشقان ئەلمائۇ قەسرىدە چاقىرىلغان بولغاچ، يىغىنغا «G7 گېرماني، 2015 سچلوسس ئەلمائۇ» دەپ نام بېرىلگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا، بۇ يىغىنغا قارشى 10 مىڭلارچە كىشىنى نامايىشقا سەپەرۋەر قىلغان ۋاقىتلىق بىرلەشمە كومىتېتنىڭ نامىمۇ «ستوپ G7 ئەلمائۇ» دەپ قويۇلغان. مەزكۇر كومىتېت مەسئۇللىرىدىن فرانك دۇدەننىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى 7-ئىيۇندىن ئېتىبارەن 7گ يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان دائىرىدە ئۇلارنىڭ بۇنداق زور كۆلەملىك نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. كومىتېت خادىملىرى مەھكىمىگە شىكايەت قىلغاندىن كېيىن، مەھكىمە ساقچىنىڭ قارارىنى بىكار قىلىپ، كۆپ بولغاندا 50 كىشىنىڭ G7يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلارغا ئاۋازىنى ئاڭلىتالىغۇدەك دائىرىگىچە بېرىپ نامايىش قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ نامايىش ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك ۋەقەسى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ، بۇ ۋەقە ئىنتېرنېتلاردىمۇ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. G7 يىغىنىنىڭ مەزمۇنى دۇنيا سىياسىتى، دۇنيا ئىقتىسادى مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى، مۇھىت مەسىلىسى، تېررورغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بولسىمۇ، بۇلار بىر چەتكە قايرىلىپ قېلىپ، ئاخبارات ئۇستىلىرىدا قايناۋاتقىنى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ كۈرەشلىرى بولدى.
نامايىشچىلارنىڭ G7 يىغىنىغا قارشى تۇرۇشىدىكى مەقسەت نېمە؟
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى چوغلۇق خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-نامايىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، G7 دۇنيا ئىقتىسادىنى مونوپول قىلماقتا، مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولماقتا، ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى سۈمۈرمەكتە، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، دىكتاتور دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماقتا ۋە دىكتاتورلارنى قوللىماقتا. ئۇرۇش رايونلىرى ھەم مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمماقتا ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تەدبىر قوللانماي سۈكۈت قىلماقتا. دەرۋەقە، بىز ئۇيغۇرلارمۇ G7 نىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىن نارازى. شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارغا بىپەرۋا ھالدا، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مەنىدىن، نامايىشچىلارنىڭ G7 گە بولغان نارازىلىقىنى يوللۇق دەپ قارايمەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 7-8-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىر تەھدىتكە يولۇققانلىقى سەۋەبىدىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. يىغىن رايونىغا 20 مىڭ ساقچى ئاجرىتىلغان. گارمىش-پارتەنكىرچەن رايونىنىڭ پۈتۈن قاتناشلىرى توختىتىلغان. چوڭ يولدا ھەر 10 مېتىر ئارىلىققا بىر ساقچى ماشىنىسى تۇرغۇزۇلغان. قانچە مىڭلارچە نامايىشچىلار رايونغا يېقىنلاشتۇرۇلمىغان. ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ زۆرۈر تېپىلسا كۆپ بولغاندا 200 كىشىنى تۇتۇپ سولاشقا بولىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ۋە ۋاقىتلىق سولاش كۆچمە ئۆيلىرىنى ھازىرلىغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر بىرىگە كۆپ بولغاندا 4 كىشى قامىلىدىغان بولۇپ، ھاجەتخانا، سۇ تۇرۇبىلىرى، ئېلېكتر چىراقلىرى ئورنىتىلغان. ئەگەر نامايىشچىلار پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە قاتناشقان بولسا، ئۇلار تۇتۇلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىگە قارايدىغانغا مەخسۇس خادىملار ئاجرىتىلغان. بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئۈچۈن كېتىدىغان راسخوتنىڭ مىقدارى 300 مىليون يېۋروغا يەتكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قەدەر كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىلنىڭ بىرى، نامايىشچىلارنىڭ تەركىبىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىكى، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىيە بىلەن قاتنىشىشى بولغان. ئىككىنچىسى، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە يالغۇز يېشىللار پارتىيىسى ۋە سولچىلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىپلا قالماي، بەزى رادىكال كۈچلەرمۇ G7 رەھبەرلىرىگە زەربە بېرىش تەشەببۇسىنى ئىنتېرنېتتا كەڭ قانات يايدۇرۇپ، زور خەۋپ ياراتقان.
كىشىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلىدىغىنى، يىغىن رايونىنىڭ پۈتكۈل قاتناش يوللىرى ئۈزۈۋېتىلگەن، پۈتكۈل پىيادىلەر يوللىرى قامال قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، يۈزلەرچە كىشى ئېگىز تاغ، قېلىن ئورمانلارنى بېسىپ، ئەلمائۇ قەسرىگە يېقىنلىشىش كۆرۈشىنى باشلىغان. ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلار ھەر بىر ت ۋ قاناللىرىدا ھەر زامان كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا. تاغلارنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1400 م ئېگىز، بەزى جايلار ئويمان بولۇپ، «مەقسىتىمىز G7 رەھبەرلىرىگە دېموكراتىيىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش» دەپ يولغا چىققان بۇ كىشىلەر بۇ قېلىن ئورمانلاردىن ھېچ مېڭىپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە يېشى 60تىن ھالقىغان ئادەملەرمۇ بار.
ئەجەبا، شۇنچە مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ساقچىلار بىلەن ئېلىشىپ، قاماقتا يېتىشتىن، جەرىمانە تۆلەشتىن قورقماي، ئەسلىدىلا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە يەنە دېموكراتىيىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟