خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن برېمىن پارلامېنتىدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش توغرىلىق قارار لايىھىسى ماقۇللىنىپ، 5 تۈرلۈك مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارا لايىھەسى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش قارار لايىھىسى گېرمانىيەدىكى 16 ئۆلكىنىڭ بىرى بولغان برېمىن پارلامېنتىدا نوپۇز ئىگىلىگەن چوڭ پارتىيىلەردىن يېشىللار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، سولچىللار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ ئورتاق ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ماقۇللىنىپ، دۆلەت ئالىي كېڭىشىگە يوللاندى.
برېمىن پارلامېنتى قارار ماقۇللاش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قارارغا سولچىلار پارتىيىسىدىن بىر قانچە كىشى قارشى تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىر بىرىگە قارشى بولغان بارلىق پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئورتاق قوللىغان.
يېشىللار پارتىيىسىدىن مۇستافا ئۆزتۈرك، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئانتيە گروھېر، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن سۇساننى گروبىن، سولچىللار پارتىيىسىدىن كىندى تۇنجىل، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن پروفېسسور دوكتور ھاۋكې ھىلز، ھۆكۈمەت ھەم ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىلى ئۇلرىكې ھىللېر قاتارلىقلار «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قوغدالسۇن» دېگەن بىر تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكى، مەۋجۇت ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تېخىمۇ يامان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
قارار لايىھىسىگە باغلانغان 5 تۈرلۈك نۇقتا، ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەن جازاسى مەسىلىسى ۋە ئاخىرىدا ئۆلۈم جازاسى مەسىلىلىرىدىن ئىبارەت.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ قارار لايىھىسىدىن خەۋەردار بولغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
0:00 / 0:00