بۈگۈن «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مىدالى»نى ئېلىپ ئامېرىكىدىن قايتقان دولقۇن ئەيسانى ميۇنخېن جامائىتى ۋەكىللىرى ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى.
30 - مارت كۈنى ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مىدالى» نى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 4 - ئاپرىل گېرمانىيەگە قايتقان دولقۇن ئەيسا ۋە خانىمى ماھىرە ئەيسانى د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيەدىكى رەھبەرلىرى، ميۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپى ۋە ياشلار مەشرىپىنىڭ ۋەكىللىرى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائەت ئەرباپلىرى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن ئايرودرومغا چىقىپ قىزغىن كۈتىۋالدى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيساغا گۈلدەستىلەر تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرىنى مۇبارەكلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى «بۇ مۇكاپات يالغۇز دولقۇن ئەيساغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلگەن مۇكاپات، خىتاي زۇلمىغا قارشى كۈرەشكە بېرىلگەن مۇكاپات» دېدى.
ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «بۇ مۇكاپات زۇلۇم ئاستىدا ئەزىيەت چېكىۋاتقان مىللىتىمىزگە بېرىلگەن مۇكاپات» دېدى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى جەمئىيىتى رەئىسى گۈلنار خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ميۇنخېن جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشلىرى ۋە ئالايىتەن ناشتىلىق ھازىرلاپ مېھمان قىلىشلىرىدىن كۆپ مىننەتدار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىليار ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇمكى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مىدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنى بەس - بەستە قىزغىن تەبرىكلىگەن، ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 1 - ئاپرىل كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دولقۇن ئەيساغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.