ميۇنخېندىكى ھۇجۇمدا ئون نەچچە كىشى د ئۇ ق ئىشخانىسىدا پاناھلاندى
2016.07.23
خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 22 - ئىيۇل كەچقۇرۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئولىمپىك سودا مەركىزى قاتارلىق بىرقانچە جايدا قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ساقچىلار ۋەقەدە نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە سودا رايونىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى ۋەقە بېسىققۇچە سىرتقا چىقماسلىققا، پاناھلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، سودا مەركىزىگە يېقىن جايدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىشخانىسىغىمۇ 20 - 30 غا يېقىن ياش كىرىپ پاناھلانغان.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيساغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 22 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دىن ئاشقاندا ئۆزىنىڭ ئىشخانا سىرتىدا ئوق ئېتىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئىشخانىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ 20 - دىن 30 قەدەر بولغان ياشلارنىڭ ئىشخانىغا پاناھلىنىش ئۈچۈن كىرىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن ياشلارنىڭ سودا مەركىزىدە نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىغا پاناھلانغان بىر گېرمان ياش سودا مەركىزىدە ئوق ئاتقان ئادەمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەنلىكى، ئوق ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغانلىقى ئەمما باشقىلارنىڭ تەرەپ - تەرەپكە قېچىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ قېچىپ بۇ ئىشخانىغا كىرىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر يوقلىغىنى ئېيتتى.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى رادىيومىز ئىختىيارى مۇخبىرى ئەكرەم ئەپەندى گېرمانىيە تېلېۋىزورلىرىدا ۋەقە ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ، ۋەقەنىڭ 22 - ئىيۇل شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قوراللىق 3 كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ساقچىلار قاتىللارنى تۇتقىچە كوچىغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېلېفون ئارقىلىق ساقچىلارغا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ۋەقە بېسىققۇچە ئىشخانىدىن چىقماسلىق، ئىشخانا چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىرچە بىز ئۈچۈن بىر چوڭ چاتاق يوق. ساقچىلار بىلەن سۆزلەشتۇق، ئۇلار بىزنىڭ ئىشخانا بار كوچىنى كونترول ئاستىغا ئاپتۇ، بىزگە چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ، ئىشخانىدا جىم ئولتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. ئىنشائاللاھ بىر چاتاق بولماس.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بايانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىشخانىسىغا يېقىن جايدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىغىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىشخانىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ۋە تېلېۋىزورنى ئېچىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى ۋە كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ميۇنخېندىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەكرەم ئەپەندى قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايلار ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئولىمپىيا سودا مەركىزى ۋە كالزپلاتز ستاھۇس يەنى مەريەم سودا مەيدانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىشخانىسى بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن شەھەر مەركىزىدىكى كارلزپلاتز ستاھۇس دېگەن يەرگە 100 مېتىر، مەريەم سودا مەيدانىغا 200 مېتىر ئارىلىقتا ئىكەنلىكى، مۇشۇ سەۋەبتىن، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قاچقانلارنىڭ قۇرۇلتاي ئىشخانىسى ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانىغا كىرىپ پاناھلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەكرەم ئەپەندى ميۇنخېن شەھەر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرچە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى 9 نەپەرگە يەتكەن. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە گۇماندارلىرىنى تېخى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.