گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار: سايلامدا قايسى پارتىيەگە ئاۋاز بېرىش خەيرلىك بولىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2017.03.15
yilmaz-choban-ependi-oylunush-partiyisi-teshwiqat-mashinisi-2017.jpg يىلماز چوبان ئەپەندى ئويلىنىش پارتىيىسى(دەنك) نىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېددىلبۇرخ شەھىرىدە تەشۋىق قىلماقتا. 2017-يىلى مارت، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

گوللاندىيە سىمۋول خاراكتېرىدىكى پادىشاھلىق بىلەن دېموكراتىك تۈزۈم ئىجرا قىلىنىدىغان بىر دۆلەت. ھاكىمىيەت خەلق تەرىپىدىن سايلىنىپ چىققان پارلامېنت ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدۇ. گوللاندىيەدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر پارتىيە ئۆز ئالدىغا كۆپ ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت قۇرۇش سالاھىيىتىنى قازىنالمىدى. پەقەت بىرلەشمە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، مەۋجۇت قانۇنلارنى ئىجرا قىلىپ كەلدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە ۋە پارتىيەلەر گەرچە ئاساسىي قانۇنغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، خاراكتېرى ۋە ئىدىيىسىدىن مەلۇم توپلۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش بىلەن مەلۇم توپلۇمنىڭ مەنپەئەتىنى چەكلەپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.

گوللاندىيەدە ھاكىمىيەت ئىجرا قىلغۇچى پارتىيەلەر ئارىسىدىكى سايلام 15-مارت كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يىل بېشىدىن باشلانغان كۈچلۈك مۇنازىرە، رىقابەتلەر ۋە تەشۋىقاتلار بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان پارتىيەلەر قايسى؟ ئۇلار ھەر قايسىسى نېمە دەيدۇ؟ قايسى پارتىيەنىڭ ئۇتۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدەك قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايسى پارتىيەگە ئاۋاز بېرىش خەيرلىك بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گوللاندىيەدىكى ھەر ساھە ئاخبارات سەھىپىلىرىدە ھازىرغا قەدەر ئالدىنقى رەتتە رىقابەتلىشىۋاتقان ئاساسلىق پارتىيەلەردىن لىبرالىستلار پارتىيىسى(VVD)، ئەركىنلىك پارتىيىسى (PVV) يېشىللار پارتىيىسى(GL)، سوتسىيالىستىك پارتىيىسى (SP)، ئىشچىلار پارتىيىسى(PvdA)،دېموكراتلار 66 پارتىيىسى(D66)، خرىستىئانلار پارتىيىسى(CDA) قاتارلىقلار كۆزگە چېلىقماقتا.

گوللاندىيەدىكى كۆچمەنلەردىن تەشكىللەنگەن يېڭى بىر پارتىيە ‏- ئويلىنىش پارتىيىسى كۆچمەنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق پىكىرلىرى بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. باشقا پارتىيەلەر ئاساسەن ئوخشىمىغان شەكىلدە، ئىنسانلىق، باراۋەرلىك، پاراۋانلىق دېگەندەك جەلپ قىلارلىق پىكىرلىرى بىلەن ئاۋاز توپلاشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، سايلامدىن كېيىنكى سۆزىدە تۇرالماسلىقتەك تارىخىي كەچمىشلىرى بىلەن كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان كۆچمەنلەر بۇ يېڭى چىققان ئويلىنىش پارتىيىسى Denk كە بىر پۇرسەت بېرىلىشىنى لازىم دەپ قارىماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يېلماز چوبان ئەپەندى، ئۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ قېتىملىق سايلام ھەققىنى تولۇق قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

يېلماز چوبان ئەپەندى ئۆزى يىللاردىن بېرى، خەلق ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان، سىياسەت ساھەلىرىدە ئىزدەنگەن، خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىگە (CDA)گە ئەزا بولۇپ، يىللاردىن بېرى باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى بايان قىلىپ كېلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئويلىنىش پارتىيىسىگە (Denk) بىر پۇرسەت بېرىشنىڭ ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە ئىنكاس بەرگەن ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ۋە سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەرمۇ ئۆزىنىڭ كۆزىتىشلىرى ئاساسىدا چىقارغان ئاخىرقى قارارىنى ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ، ھازىرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەمدە بولالايدىغان بىرەر پارتىيەنىڭ يوقلۇقىدىن سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقى مەلۇم. ئەمما، دېموكراتىك بىر ئەلدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنىڭ ۋاز كېچىشتىن ياخشىراق بولىدىغانلىقى دىنىي زاتلار تەرىپىدىن كۈچلەندۈرۈلمەكتە.

گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچىلەردىن ئەيسا قارى گوللاندىيەدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىققا ئېرىشىپ، سايلاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ نەتىجىسى 15-مارتتىكى بېلەت تاشلاشتىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇ يەنە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا داۋام قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.