گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دولقۇن ئەيسانى ئىپتار پائالىيىتى بىلەن كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00


8 - ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى بۇ يىللىق تۇنجى ئىپتار پائالىيىتى بىلەن كۈتۈۋالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىقلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق يېغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئىپتارلىنىش مەقسىتىدە يىراق - يېقىندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ غەنىمەت پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرگە ئىجابىي باھا بەردى ۋە ئەۋلاد تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

جامائەت ئىپتاردىن ئىلگىرى قىلىنغان قىسقىغىنە ۋەز - نەسىھەت ۋە دۇئايى - تەكبىرلەردىن كېيىن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى ۋە نامازدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا ئۇزۇن - ئۇزۇن سۆھبەتلەشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى نامىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى ئۈچۈن ھازىرلىغان ئورۇننىڭ ئازادىلىكى، پاكىزلىقىدىن سۆيۈنۈپ، مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سالاھىيىتىگە لايىق جاي بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە مىللىي ۋە دىنىي تەلىم - تەربىيەنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئىپتارغا داخىل بولغانلاردىن ئابدۇسالام نىياز ۋە تۇرسۇنجان ئەمەت ئەپەندىلەر ئىنكاس بىلدۈرۈپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قاراجىم بۇ يىللىق تۇنجى ئىپتار پائالىيىتىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكى ھەمدە رامىزان ئېيى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر توغرىلىقمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە، نېمە ئۈچۈن ئىپتارلىق پائالىيىتىگە بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.