گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ خىتاينىڭ دىنى سىياسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.06.26
gollandiye-uyghur-abduraxman-qari-hajim.jpg گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇراخمان قاراجىم
RFA/Pidaiy


ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يىل رامزان ئېيى كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب ۋە شەرقنىڭ كۆپلىگەن ئەلباشلىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزان ئېيىنى تۇشمۇتۇشتىن مۇبارەكلەپ سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە بۇ مۇبارەك رامىزاننىڭ تىنچلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن تولغان، دۇنيا ئەھلىگە خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئاي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئەكس ئەتتى.

ئەمما ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، يەر شارىدا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى يەنە چەكلىگەن. بۇ مەسىلە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئەجەبلىنىش ۋە غەزەپلىنىش ئىچىدە كەڭ ئورۇن ئالغان.

تۋتتېر ۋە فېيىسبوك قاتارلىق نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە قاتارلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە ھەتتا مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەيخلىرىمۇ خىتاينى «روزا تۇتۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئىجابىي ئىنكاستا بولۇشى ھازىرچە ئېھتىمالدىن كۆپ يىراق ئىكەن.

بۇ ھەقتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇراخمان قاراجىم پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەم ئېتىقاد جەھەتتە، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە يىلدىن بېرى زاۋۇت - كارخانا ۋە شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىبادەت قىلىشتىن توسۇشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىش ئورۇنلىرىدىن سىقىپ چىقىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.

ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن بىۋاسىتە يىراقلاشتۇرۇش پىلانىنى، ئېتىقاد يوللىرىنى چەكلەش بىلەن نىقابلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ، ئۆتكەن ئايلاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رېستوران ۋە ئاشخانىلىرىغا مەجبۇرىي ھاراق - تاماكا سېلىش ئالۋىڭىمۇ، ماھىيەتتە يەنىلا ئېتىقادنى چىرىكلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادتا پىقىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قاتقان ھۈسەييىن تەجەللىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ خىل چەكلەش ۋە يەكلەش سىياسىتى ئون نەچچە يىلىدىن بېرى داۋام قىلىپ، بارغانسېرى كۆلەملىشىش ۋە چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مۇستەملىكە قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.