تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارما رەئىسى مەھمەت گۆرمەز خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوڭياڭنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى توغرىسىدا سۆزلەشتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەشنىڭ بىر ئىزاھاتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەسمى تور سەھىپىسىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى خوڭياڭدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە خىتايدىكى ئىسلامى ھايات توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز، دۇنيادا دىنلارغا ئالاقىدار چوڭ تەرەققىياتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھنىڭ دىنلارنى تىنچلىق، رەھمەت، ئادالەت ۋە رەھىم - شەپقەت ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دىنى ئەركىنلىك بولماستىن بىر ئارىدا ياشاش مۇمكىن بولمايدۇ
ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردىن تەركىپ تاپقان دۆلەتلەردە لاياقەتلىك بىرلىك دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. لاياقەتلىك بىرلىك ئۈچ شەرتكە باغلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئېتىقاد ئەركىنلىكىدۇر. ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ بىرلىكتە ياشىغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، سۈپەتلىك دىنىي تەلىم - تەربىيەدۇر. ئەگەر توغرا دىنىي تەلىم - تەربىيە بېرىلمىسە، ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما پەرقلىق يوللاردىن خاتا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچىسى بولسا، دىنىي خىزمەتلەرنىڭ ساغلام مېتود بىلەن قىلىنىشىدۇر.
ئۇچرىشىشىتا مەھمەت گۆرمەز، روزا تۇتۇشنى چەكلەشنىڭ ھازىرقى دەۋردە بىر ئىزاھاتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ئەلچىگە مۇنداق دېدى: روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەمۇرىلار ئۈچۈن چەكلىنىشى ياكى تەۋسىيە قىلىنماسلىقىنىڭ ھازىرقى دەۋردە بىر ئىزاھاتى يوق. بۇ جەھەتتە مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ، مەيلى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولسۇن سەزگۈرلۈكىنى رامىزان ئېيى ئىچىدىكى ئۇچرىشىشىمىزدا تىلغا ئالدىم. كۆپلىگەن ئىسلام دۆلىتىدىكى خۇتبە ۋە ۋەز - نەسىھەتلەر ئەسناسىدا بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كەلدى» دېدى.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخ بويىچە ھېچقانداق ئاشقۇن يولنى تۇتۇپ ماڭمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۆرمەز، «بىرلىكتە ياشاش مەدەنىيىتى تۈپەيلى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ھەردائىم دۇنياغا ئوتتۇراھال يولنى ئۆگەتتى. قەشقەردە يېتىشكەن ئىسلام ئۆلىمالىرى يازغان ئەسەرلەرگە قاراپ، بۇنى ناھايىتى ئەركىن - ئازادە تىلغا ئالالايمىز. تارىختا بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە قەشقەر ئارىسىدا ئىزچىل ھالدا ئىلىم ئالماشتۇرۇلۇپ تۇردى،» دېدى.
خىتايدا خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن يۈ خوڭياڭ، «خىتايدا كىشىلەر ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرى مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. خەلقنىڭ دىن ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز. خەلققە دىن جەھەتتە ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى.
مەھمەت گۆرمەزگە ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ئېيىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن يۈ خوڭياڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئادا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز رامىزان ئېيى ئىچىدە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، باش ئەلچى يۈ خوڭياڭغا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن روزا تۇتۇش چەكلىمىسىگە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنىدى.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ بولسا، مەھمەت گۆرمەزنىڭ رامىزان ئېيىدىكى زىيارىتىدىن خىتاي دائىرىلىرىنى ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئەلچىسى ئىپادىلىگەندەك ئۇيغۇرلار راستىنلا دىنى ئەركىنلىك بىلەن ياشاۋاتامدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئەلچى داۋا قىلغان، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىمىز، دېگەن ئىپادىلىرىدە قانداق زېت پەرقلەر مەۋجۇت؟ بۇ توغرىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىملاردىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ئىبراھىم داموللام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00